رابىيە قادىر : ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ 4 خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، شى جىنپىڭنىڭ جازالىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن


تۈنۈگۈن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئۇيغۇر پاجىئەسىدە رول ئويناۋاتقان خىتاينىڭ 4 ئەمەلدارىنى جازالىدى. 4 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىد ۋە تەكلىپلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئۇنى بەزىدە يوشۇرۇشقا، بەزىدە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن يېتەرلىك جازا بولمىسىمۇ، ئۇنى ھوشىنى تېپىشقا ئۈندەش ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتدىكى شېرىكلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تېز ۋە كەسكىن بىر قارارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما، بۇ ئارزۇسىنى ئىپادىلەشكىمۇ قۇربى يەتكەن، مەزلۇم شەرقى تۈركىستان خەلقى نامىدىن، مانا بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا، ئەمگىكىگە سىڭگەن بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ لاگېرغا سولىنىشى ۋە لاگېرلاردا تا ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قەدەر ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان -ئىنسانىي ئەخلاقىنى يوقاتقان، شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى بىجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىۋاتقان ئونمىڭلارچە ئەمەلدار ۋە خادىملارنىڭ قولى ۋە رولى بار. بۇ قېتىم جازالانغان جۇخەيلۇن، ۋاڭمىڭشەن، چېن مىڭگو ۋە ۋاڭ جۈنجېڭلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپلىرىدىن، قولى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىغا بويالغانغلاردىن بىرقانچىسى. بۇ جازا،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا رول ئويناۋاتقان پۈتۈن ئەمەلدار ۋە چاپارمەنلەرنى بىر نۆۋەت ئويغا سالىدۇ ۋە جىنايەت سادىر قىلىش جاسارىتىنى ئازراق بولسىمۇ تەۋرىتەلەيدۇ؛ مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىگە بولسا، ئىستىقبالىغا قارىتا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بېرىدۇ.
ئەمما شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش خىزمەت ئىستراتېگىيىسى بويىچە، پىلانلىق، سىستېمىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ئەمرى ۋە قوماندانلىقىدا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنى جازالاشقا چاقىرىمەن ؛ بۇ جازا كېچىككەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭمۇ قۇتۇلدۇرۇلۇشقا كېچىكىدىغانلىقىنى دۇنيا رەھبەرلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*