دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالى رەھبەر ۋەكالەتچىلىرىنىڭ تەيىنلىنىش قارارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىمىزدا ئېچىلىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدىن كېيىن خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خەلقئارا سەھنىدىكى پائالىيەتلىرىمنىڭ بىر قىسمى د ۇ ق ئالىي رەھبىرى نامىدا ئېلىپ بېرىلسا، يەنە بىر قىسمى قۇرۇلتايدىن مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشى، داۋا خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن دۇق ئىچى – سىرتىدىن بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەرنى خەلقئارا پائالىيەتلىرىمدە​ ۋاكالەتچىم قىلىپ بېكىتتىم.
بۇلاردىن مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ئالىي مەسلىھەتچىم سۈپىتىدە، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى پائالىيەتلىرىمدە​، قەھرىمان خوجامبەردى ئەپەندىم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەدىكى پائالىيەتلىرىمدە​، ئۈمىد ھامىت بىلەن ئەسقەرجان ئەپەندى ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىمدە، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى پائالىيەتلىرىمدە​ ماڭا ۋاكالىتەن پائالىيەت قىلىدۇ.
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە جامائىتىمىز مەن بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىدا مۇشۇ ۋاكالەتچىلىرىم بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
– ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*