رابىيە قادىر خانىم:  » گلوبال تەتقىقات » قا ئوچۇق مەكتۇپ

گلوبال تەتقىقات (Global Research) نىڭ  يەتتىنچى ئۆكتەبىر كۈندىكى  «Fake News Reports About The Rights of China’s Muslims, Exposed as US Infowar» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  شەرقي تۈركىستاندا قۇرئانى كەرىم ۋە جاينامازلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنىڭ  ساختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ ۋە   تەشكىلاتىمىزنى بۆلگۈنچى تەشكىلات دەپ ئەيىبلەپتۇ.  بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تەشكىلاتىمىز بۈگۈنكى شارائىتلار سەۋەبىدىن  خەلقئارا سەھنىلەردە  مىللىي مەۋجۇتلۇق داۋاسى قىلىۋاتقان  بولساقمۇ، ئاخىرقى پەللىمىزنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئادا-جۇدا قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى يوشۇرمايمىز.  شۇنىسى ئېنىق بولۇشى  كېرەككى بىزنىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولۇشىمىز،  ھەرگىز ، بىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىگە پاكىت بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە، خەۋەردىكى  ۋەقە بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتىمىز بار،  ئەگەر GR بۇ نۇقتىنى مەنپەئەت توقۇنۇشى دەپ قارىسا، ئوخشاشلا، شەرقى تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداش ۋە ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مەزكۇر ۋەقە بىلەن زىچ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر خەۋەر ئۈچۈن تەشكىلاتىمىز تەرەپسىز مەنبە ئەمەس  دەپ قارالسا،  ئۆز ھاكىمىيىتىنى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە زوراۋانلىق بىلەن تېڭىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  بېيجىڭدىكى باياناتچىسىنىڭ ، شۇنداقلا پاكىستاندىكى ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىمۇ تەرەپسىز مەنبە ئەمەس.  GR ئەجەبا بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆكۈش نىيىتىمىز بارلىقىنى كۆرەلىگەن يۇ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  رايوندىكى زوراۋانلىقلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش كويىدا ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؟ !  ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى   دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى خەۋەرگە مەنبە قىلىپ تاللىغان بولسا، بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس، ئەركىن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىختىيارىمۇ ئەمەس،  بۇ پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغۇز شەرقى تۈركىستاندىلا ئەمەس پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا مۇستەقىل ئاخباراتچىلىققا يول قويمىغانلىقى، ھەممە تەرەپلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئوبىيكتىپ نەزەر بىلەن قاراشقا يول قويمىغانلىقى  ئۈچۈندۇر. GR  ئاتالمىش ساختا خەۋەر ھەققىدىكى ماقالىسىدە  مەسىلىنىڭ نېگىزى بولغان خىتايدىكى ئاخبارات چەكلىمىسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك.

ئەمدى GR ساختا دەپ ئەيىبلىگەن خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە پاكىتلىرى ھەققىدە ئازراق توختىلايلى:

خىتاينىڭ قۇرئان ۋە جاينامازنى يىغىۋېلىش خەۋىرى   بۇ رايون بىلەن بەك تونۇشلۇقى بولمىغان GR غا (گلوبال تەتقىقاتقا) ئەجەبلىنەرلىك ياكى گۇمانلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما  مۇھاجىرەتتىكى نەچچە ئون مىڭ ئەزاسى شەرقى تۈركىستان بىلەن ھەر كۈن ، ھەر سائەت ئالاقە قىلىپ   تۇرۇۋاتقان د ۇ ق ئۈچۈن گۇمانلىنارلىق ئەمەس، بەلكى خەۋەردە تېخى تىلغا ئېلىنمىغان يەنە يۈزلەرچە پاكىتلار بىلەن دەلىللىنىپ بولغان . بۇ خەۋەر يەنە  مەخسۇس ئۇيغۇر تىللىق مۇخبىرلىرى بولغان، رايوننى رايون خەلقىنىڭ تىلىدا زىيارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ۋە كۈندىلىك خىزمىتى  شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ  يېپىق قازاننى ئېچىش بولغان، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن قېزىپ چىقىلغان ئەڭ ئىشەنچلىك خەۋەر.

25-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرچە فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، كورلادىكى بىر يەرلىك ئەمەلدارنىڭ يىغىن ئۇقتۇرۇشى كەڭ -كۆلەمدە تارقالدى، ئۇقتۇرۇشتىكى ئىككى جۈملە ئەينەن مۇنداق: «

قېرىنداشلار، تاپشۇرۇلمىغان قۇرئان ۋە جاينامازلارنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ئالغاچ كېلىسىلەر، …..بىرقانچە كۈندىن بېرى ئەكىلىنگەنلەرنى ئۆمەرجان جۇرېن ئىككىمىز ئالالمىدۇق، چۈنكى تاپشۇرۇۋېلىشقا بىز مەسئۇل ئەمەس، بۇنىڭغا بىرلىكسەپ ئىدارىسى مەسئۇل».

ئاۋازلىق تارقالغان بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن تەشكىلاتىمىز مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق، ئېنىقلاش ئېلىپ باردى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن . ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ  26 ‏-سېنتەبىر خەۋىرىدە كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا ئارابۇغرا كەنتنىڭ باشلىقى  رەھىم ياسىن ئەينەن مۇنداق دېگەن: » 2012 ‏-يىلنىڭلا ئەمەس، قاچان ، قەيەردە بېسىلغان بولسۇن، قۇرئانلا بولسا يىغىۋاتىمىز؛ ئالاقىدار ئورگانلار قۇرئاننىڭ ئوخشىمىغان تەرجىمە نۇسخىلىرىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيىنى بولمىغانلىرىنى بېكىتكەندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بېرىشىمىز مۇمكىن، ئەمما، بۇ بېكىتىشنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. »    يەنە  ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 27-سېنتەبىر خەۋىرىدە  كەنت باشلىقى شۇنداق دېگەن:

» جايناماز بار ئۆيدە، ھاراق-شاراب ئىچىلمەيدۇ  ناخشا-ئۇسۇل بولمايدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئائىلە ئەزالىرى، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى رادىكالىزمغا ئائىت ماتېرىياللار بىلەن ئۇچرىشىدۇ   ۋە رادىكاللىقتىن زەھەرلىنىدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت يېتىدۇ، بۇرۇن بۇنى ئۇششاق ئىشلار دەپ پەرۋا قىلمىغان ئىدۇق، بىرمۇنچە ۋەقەلەر يۈز بەردى ، بۇندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېھتىمال بولغان ھەرقانداق ئېلېمېنت بولسا، چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەۋجۇتلۇقىغا پۇرسەت بەرمەيمىز»

بۇ گەپلەر بىز ياكى ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى مۇخبىرى دەۋاتقان گەپلەر ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن يانداش ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بايانلىرى، قىزىققۇچىلارغا ، بۇنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئاۋاز ۋە ترانسكرىپسىيىسىنى يوللاپ بېرىشكە ھازىرمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قۇرئان ۋە جايناماز ھەققىدىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىگە قارىغاندا  ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرىدە پاكىتلار  تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلىي.  ئۇيغۇرچە بۆلۈم، بۇنىڭدىن 5 ئاي بۇرۇن شەرقى تۈركىستاننىڭ يۇپۇرغا ناھىيسىدە 2012-يىلدىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان قۇرئاننىڭ يىغىۋېلىنىپ بارغانلىقىنى، يىغىۋېلىنغان 12000 مىڭ قۇرئان كىتابنىڭ  كەنت ئىسكىلاتىغا  ئىسكىلاتقا بېسىپ قويۇلغانلىقىنى ، مەزكۇر ناھىيىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خەۋەر قىلغان ئىدى. يەنى شەرقى تۈركىستاندا قۇرئان ۋە جاينامازنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى رايوننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ چىنلىقىغا  سوئال قويۇلىدىغان  بىر خەۋەر ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى  بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەڭ جىددىسىمۇ ئەمەس، پەقەت شەرقى تۈركىستاندىكى بىر نەچچە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلانغىنى. نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئىشلار،  شەرقى تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى، بۇنىڭ بەزى جايلاردا ئاھالە نوپۇسىنىڭ 10%ئى، بەزى جايلاردا ھەتتا 40%نىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ سىياسىي-قانۇن جەھەتتىن  » تەربىيە»لىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىن گۇماندارلارنى سوتسىز ئېتىۋېتىش (Extra judicial killing)،تۇتقۇنلارنى خالىغانچە كېسىش، غايىب قىلىۋېتىش، 2009 -يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر پارچە.

ئۆزىنى تەرەپسىز ئاخبارات ئورگىنى دەپ ئاتىغان بىر ئورۇننىڭ مانا مۇشۇنداق پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتقان رايوندا يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىقنىڭ مىڭدىن بىرى ئاشكارىلىنىپ قالغان ئەھۋالدا بۇنچە  ئۆكتە قوپۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى،بىزنى ھەيران قالدۇردى.   بىزگە قارىتا بۇنداق ھارارەتلىك قارشىلىق ئادەتتە ب د ت يىغىنلىرىدا دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقتىمىزدا خىتاينىڭ ئايرىلماس ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان  كۇبا، پاكىستان ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ۋەكىلىدىنلا كېلەتتى. بىز GRنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە ئەمەس، غەرب قىممەت قاراشلىرى ھاكىم بولغان كانادا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمىزدە يەنە بىر رەت ئەپسۇسلاندۇق.

GRخىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا كېلىدىغان مەنپەئەتكە بەكلا مەپتۇن بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ كۆز يېشىنى ئاقتۇرۇپ ۋە ھاياتىنى دەپسەندە قىلىپ تۇرۇپ  ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق پىلان، نامى نېمە بولسا بولسۇن،  رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ئاخىرقى ھېسابتا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ، زالىمغا يانتاياق بولۇشنىڭ دۇنيادا ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق مەدەنىيەت ، ئەخلاق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى GR  ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئاخىرىدا GRغا شۇنى قايتا بىر ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:    دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەدە قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان بىر  تەشكىلات، ئۇنىڭ ئۆزى تەۋە مەزلۇم ئۇيغۇر  خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقىنىدىن باشقا ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ھېچ بىر دۆلەت ياكى خەلققە يەتكۈزگەن زىيان- زەخمىتى يوق، ئەمما GR تەرەپ تۇتۇۋاتقان( ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلى تىيەنئەنمېن  ۋەقەسىدە  ئوز ئەۋلادلىرىنى تانكىغا باستۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغانلىقى، ھازىرغا قەدەر بىر پارتىيە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگىلا ۋەكىل بولالايدىغان ئەمما خىتاي خەلقىگە ۋەكىل بولالمايدىغانلىقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئەقەللىي ساۋاتقا ئىگە ھەرقانداق كىشىگە سىر  سىر ئەمەس.

– رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*