رابىيە قادىر خانىم: تۈركىيەنىڭ باياناتىدىن ئەپسۇسلاندۇق، ئەمما ئۈمىدىسز ئەمەسمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلىنىڭ شەرقى تۈركىستان پائاليەتچىلىرى ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى باياناتى خىتاي زۇلۇمىدا ياشاۋاتقان ۋە خەلقئارادىن ئىنسانىي ياردەم كۈتىۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنى ، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى.

مېنىڭچە، چاۋۇشئوغلىنىڭ » خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز بىخەتەرلىكىمىز دەپ قارايمىز» دېگىنى بىزنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان گەپ ئەمەس، بىز دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر- بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆزئارا ياردەملىشىشىنى » ئىچكى ئىشى» دەپ پەرۋاسىز قارىماسلىقى ياكى «ئىچكى ئىشىمىز» دەپ يوشۇرماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمىز. مەسىلە بىر-بىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا قانداق ياردەم قىلىشتا. تۈركىيە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ھەمكارلاشقاندا ئۇنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، ھەقسىز ئىجرائاتلىرىغا ماسلىشىش شەكلىدە ياردەم قىلامدۇ ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تىل ۋە مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ، خىتايغا ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ يىلتىزىنى كۆرسىتىپ بېرىش، جۈملىدىن زۇلۇمنى توختىتىش ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن بولغان مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش شەكلىدە يول تۇتامدۇ؟
چاۋۇشئوغلىنىڭ باياناتىدا تۈركىيەنىڭ ئۆز چىگرىسى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىسى ئېنىقكى مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارمۇ ھەم شۇنداق، تۈركىيە بىر قانۇن دۆلىتى ، شۇڭا چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇ باياناتى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئۇيغۇن ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلسا، بۇنىڭغا تۈرك جامائەت پىكرى يول قويمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت، ئۆزىگە قېرىنداش بىر خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چەتكە قاققان بىر ھۆكۈمەت چوقۇم سايلام ساندۇقىدا جازاسىنى تارتىدۇ.

بىز ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرقانچە چوڭ خەلقااراۋىي مەسىلىدە خىتايغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىمىز، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۆزىنىڭ دېموكراتىك سايلامدىن ئۆتمىگەن دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى خىتاي خەلقى ئۈستىدىن ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە توپلانغان ئىقتىسادنى ئايىماي خەجلەۋاتقانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. ئەمما سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن چاۋۇشوغلۇ بۇ قېتىم زالىمغا باش ئېگىش ۋە زالىمغا يانتاياق بولۇش مەنىسىدىمۇ ئىزاھلاشقا بولىدىغان بىر بايانات بەردى؛ بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە زىتلا بايانات بولماستىن يەنە ئاق پارتىيىنىڭ پرىنسىپلىرىغا، تۈركىيەنىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىگە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بىر بايانات. مەن تۈرك ھۆكۈمىتى باياناتىدىكى بۇ خاتالىقنى جامائەت پىكرىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن پات يېقىندا چوقۇم تونۇيدۇ ۋە ئۇنى ئۇنى تۈزىتىدۇ ، ھېچ بولمىغاندا ئىجرائاتىدا، زالىمغا يانتاياق بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن.

بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ، تايلاندتا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋە خەلقئارادىن جۈملىدىن تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ۋە مىسىردا خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن قېچىپ يۈرۈۋاتقان ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىگە مەنپىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى، بۇ ۋەدىنامىدىن جاسارەت ئېلىپ زۇلۇمىنى تېخىمۇ شىددەتلەندۈرۈشى مۇمكىن؛ شۇڭا بىز تۈركىيە خەلقىنى، بۇ تۈر مەسىلىلەردە سەزگۈر بولۇشقا، ئۆز ھۆكۈمىتىنى، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەردە مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىگە زىيانلىق ئىجرائاتتىن توسۇشقا دەۋەت قىلىمىز.

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈرك خەلقىنىڭ مەنپەئەتنى يالغۇز ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئاناتولىيەدە مىڭ يىلدىن بۇيان ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان تۈرك دۆلىتى ئۆز مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەزلۇم بىر قېرىنداش خەلقىنىڭ مەنپەئەتنى قۇربان قىلىشقا موھتاج ئەمەس.
تۈركىيەنىڭ بۇ باياناتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن دوستلىرىمىز بىلىپ قالغاي:
شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى نۆۋەتتىكى ئىشغالىيەتچى خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ 6/1 قىسمىغا چېتىشلىق بىر زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى، بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇ كۈرەشنىڭ جاپالىق ۋە ئەگرى-توقايلىقىنى ياخشى بىلىمىز؛ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز ھەقىقەت. شۇڭا دۇنيادا خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ بىزگە قارشى شەكىللەندۈرگەن ھەرقانداق ئىتتىپاق مەيلى ئۇ قەغەز يۈزىدە ، مەيلى ئىجرائاتتا بولسۇن، بىزنىڭ كۈرەش ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرالمايدۇ.

(ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى لىدىرى رابىيە قادىر خانىم)

Leave a Comment

*

*