مىسىردىكى تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا ئېغىر ئاياق ئاياللارمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي بىلەن مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا باشلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتقانغا بىر ئاي بولاي دېدى. بۇ جەرياندا 200 ئەتراپىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر مىسىر قاماقخانىلىرىغا سولاندى. بىر قىسىملىرى 3-ئەلگە قاچالىغان بولسا يەنە بىر قىسىملار مىسىرنىڭ ھەر جايلىرىدا سەرسانلىق ۋە ۋەھىمىدە. تۇيۇقسىز تۇتقۇندىن باشلانغان قاچ-قاچتا بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلار بار بىساتلىرىنى تاشلاپ ماڭغان. بەزى ئايال ۋە بالىلار قېچىپ قۇتۇلغان بولسا ئەرلىرى تۇتۇلغان، ھەتتا ئەر ئايال ئوخشىمىغان جايلاردىن تۇتۇلۇپ يەنە ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىدەك پاجىئەلەر ئاستا ئاستا مەلۇم بولماقتا. مىسىردا دالدىلىنىپ يۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بۈگۈن، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇندا ھەتتا ئېغىر ئاياق ئاياللارنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش ۋە مۆھلەت ئىچىدە قايتىپ كەلمىگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش بىلەن باشلانغان پاراكەندىچىلىك، ئاخىرى 4-ئىيۇل ئەتراپىدا خىتاينىڭ مىسىرغا مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، مىسىر دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەر يەردە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشتەك بىر ۋەقەگە ئايلانغان ئىدى. ھازىرغىچە تېخى نەتىجىلەنمىگەن بۇ پاراكەندىچىلىكتە مىسىردىكى ئاساسلىق قىسمىنى ئەل ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلەن، 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىر تۈرمىلىرىگە قامالدى. تەلىيىگە يارىشا ئۆي ئاختۇرۇپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتىن ۋاقتىنچە قېچىپ قۇتۇلغانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئايرودروملاردا تۇتۇلغان بولسا، قالغان نامەلۇم ساندىكى ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يەنىلا دەككە-دۈككىدە خىتاي ۋە مىسىر ساقچىلىرىدىن دالدىلىنىپ، كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

تۇيۇقسىز تۇتقۇن سەۋەبلىك باشلانغان بۇ قاچ-قاچتا، قاھىرەدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان، بىر قىسىم بالىلار 3-ئەللەرگە قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ بەزىلەرنىڭ ئايال ۋە بالىلىرى ھەر يەردە تۇرماقتا. قاھىرەدىن يىراق بىر يەردە دالدىلىنىۋاتقان بىر ياش بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلدۇق.

ئۇ ياش تۇتۇش ئىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى بىللە تۇرغان ئۆزبېكىستانلىق ساۋاقداشلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدا تىزىملىك كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇغۇچى يەنە مىسىرغا كەلگىلى 4 يىل بولغان ئابدۇغاپپار ئىسىملىك بىر ئاغىنىسىنىڭ، 6-ئىيۇلدا ئايرودرومدا ئېغىر ئاياق ئايالى بىلەن بىللە تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇرا تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئېغىر ئاياق ئايالىنىڭ بولسا ھازىرغىچە قاھىرە خەلقئارا ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال 25 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەزھەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.

بۇ تۇتقۇندىكى ئېغىر ئاياق ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن قاھىرە ئايرودرومى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفون ئېلىنمىدى.

ھازىرغىچە مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن، تۇتقۇندا ئاساسلىق ئەرلەردىن تەركىب تاپقان 200 دەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلۇپ، ئۇلاردىن 100گە يېقىنىنىڭ قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە سولانغانلىقى ئېنىق بولغان بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە قىز-ئاياللارنىڭ سانى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر مەلۇم بولماي كەلمەكتە. تۇتقۇن باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە قاھىرە ئايرودرومىدا يەنە بىر بويىدا 8 ئايدىن ئاشقان ھامىلىسى بار بىر ئايالنىڭ بىر قانچە كۈن ئايرودروم ئامانلىق بۆلۈمىدە قاماپ قويۇلۇپ، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

مىسىردىن تېلېفوندا زىيارەت قوبۇل قىلغان، سەۋەبسىز تۇتقۇندىن دالدىلىنىۋاتقان يەنە بىر ئوقۇغۇچى، ساقچىلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردىكى ئاختۇرۇپ تۇتۇشلىرىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، رۇسىيەدىكى داغستان قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئىزتىراپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 1-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان 19-ئىيۇلدا مىسىردا 6 نەپەر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىش سەۋەبىنى تېخىچە ئېلان قىلمىغانلىقى يۈزىسىدىن مىسىرغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرغان.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى باشلىقى ئانۇئار جايناكوۋ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە 19-ئىيۇلدا 6 نەپەر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغىنىغا 12 كۈن بولغان تۇرۇقلۇق، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ نازارەتكە ئېلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەنلىكىنى ۋە قازاقىستان پۇقرالىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جاي ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئانۇئار جايناكوۋ مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن ئىجابىي نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئانۇئار جايناكوۋ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە مىسىرنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگىمۇ نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مىسىردا قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېنىقلىما ئېلان قىلىنىشى ۋە قازاقىستانلىق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا دائىر تەلىپىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مىسىردىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

ھازىرغا قەدەر مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان بۇ سەۋەبسىز تۇتقۇنىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاھىرەدىكى تۇتقۇنغا شاھىت بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ھەمدە خەلقئارالىق ئاخباراتلار، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك بۇ تۇتقۇننىڭ خىتاي بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى بىر سىياسىي كېلىشىمدىن مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

نوپۇزلۇق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 1-ئاۋغۇستتا «خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلماقتا» تېمىسىدا تارقاتقان خەۋىرىدىمۇ بۇ ھەقتە قاھىرەدىكى ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «بۇ دېگەن مىسىر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ سىياسەت» دېگەنلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى ۋىلئام نې «مەيلى ئىسلام بولسۇن، ياكى خرىستىئان بولسۇن ۋە ياكى دېموكراتلار بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئۆزى ئۈچۈن سىرتتىن كېلىۋاتقان تەھدىت دەپ قارايدۇ» دېگەن.

مەنبە؛ ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*