قاھىرە تۇرا تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈلۈپ، خىتاي ساقچى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان

ئىيۇلنىڭ بېشىدا قاھىرەدە باشلانغان مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى . 3 ھەپتە ئىلگىرى، مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە ئايرۇپورتلاردىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغانلارنىڭ 100 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ئۇلاربىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتى ھەقىقدە مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئىدى.

مىسىردا مىسىر ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھېىھەم داۋاملىشۋاتقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك،سانى ئېنق بولمىغان يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا .بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغۇچە شۇنداق يوشۇرۇنۇشقا ئىمكان ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بۈگۈن، نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بېرىپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۇرا تۈرمىسىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ بىر ئامال قىلىپ گۇندىپايلارغا پۇل بېرىپ يۈزۈپ ئۆزلىرى بىلەن ئالقىلاشقانلىقىنى ھەمدە تۇرا تۈرمىسىدە 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ جىددي ياردەم سورىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزدى .

ئوقۇغۇچى: باللا تېلىفون قىپتىكەن تۈرمىنىڭ ئىچىدىن، ھەپتىنىڭ ئالدىدا تېلىفون قىلغان ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر يوق، 10 نەچچىمىزنى خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ساقچى بېشىمىزغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ سوراق قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويدى .ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ بىر يول ماڭغان بولساڭلار دېدى .

تۈرمىنىڭ تازلىقلىرى ساقچىلىرىغا 50 جۇنەي، 100 جۇنەي بېرىپ شۇلارنىڭ تېلىفونىدا قىپتۇ .

-قايسى تۇرمىدە ئۇلار ؟ قانچىلىك ئۇيغۇر بالا بار ئىكەن ؟ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدىمۇ ؟

– تۇرا تۇرمىسىدە ئۇلار، 100 دەك بالا بار ئوخشايدۇ، گايىدا تاماق بېرىش گايىدا كۈندە بىر ۋاق تاماق يەپتۇ، ئۇ تۇرا دېگەن تۈرمە بەك ناچار تۈرمە،ئۇنىڭ ئىچىدەبەك مەينەت، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە. بالىلار ھەر خىل كېسەل يۇقۇپ ئاغرىپ قاپتۇ. ئاشقانزانلىرى ئاغرىپ، پۇتلىرى ئاغرىپ شۇنداق قىيىن كۈندە قاپتۇ . ئۇرۇپ ئۇنداق قىلغان ئىش يوقكەن ئەمما شۇ بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ، مىسىرغا قاچان چىققان ….دەپ سوراق قىپتۇ .

ئۇيغۇر ئېلىدىن مىسىرغا كەلگەن قازاق،تۇڭگانلارمۇ بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدۇق، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىدىمۇ ؟

– بىزنىڭ باللانى تۇتقاندا قازاقلارنىمۇ تۇتقان ئوخشايدۇ، 10 تال قازاق بىللە يېتىۋېتىپتۇ شۇلار بىلەن . تېشىدىكى تۇڭگانلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارغىمۇ بېسىم بار ئىكەن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشقان ئارىلاشمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىپتۇدەك .

بىزگە مەلۇمات بەرگەن بۇ ئوقۇغۇچى، خىتاي ۋە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئايرۇدۇرۇملاردىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىسىم تىزىملىكى بويىچە ئىزدەپ تۇتۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن بىللە يەنە بىر قانچە ساۋاقداشلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىپشكىمۇ ئامالى يوق،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى بىر تەرەپ بولغۇچە، مىسىردىن كەتمەي يۇشۇرۇنۇپ ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .

تۇرا تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلغان ۋە ئۇلارغا ئادۋوكات ئىزدەپ ياردەم تەشكىللەۋاتقان يەنە بىر ئوقۇغۇچى بىلەنمۇ ئالقىلاشتۇق . ئىسىمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچى بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە تاماق كىرگۈزگەن بولسىمۇ، تۈرمىدىكى بالىلارغا پەقەت بىرلا قېتىم تاماق يەتكۈزۈلگەن ئىكەن . ھازىر تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەر ئادۋۇكاتلارنى تۇتقان بولۇپ،مىسىر دائىرىلىرى ھەتتا ئادۋۇكاتلارنىمۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن . پەقەت ساقچىلار ئادۋۇكاتقا «تۇتۇپ تۇرېلىۋاتقانلار ئىچىدە ئەزھەردە تىزىملاتقان ۋە ئىقمىتى بارلار قويۇپ بېرىلىدۇ، قالغانلىرى خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ دىگەن . قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەقىقدە ھېچقانداق ۋاقت قەرەلىنى بەرمىگەن .

بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىردا تۇتقۇن قىلىشقا باشلاپ بىر ئايدىن بۇيان تۇرا تۈرمىسىگە ئىلگىر ئاخىر 100 دەك بالا سولانغان، تۈرمىدىن تېلىفون ئارقىلىق بىر ھەپتە ئاۋال ئالاقىلاشقان بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار سوراق قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئىلگىرلەش بولمىغان . تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلار 50 تىن ئىككى كامىرغا بۆلۈپ سولاپ قويۇلغان .

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادۋۇكاتى، ئېززات غانىم، 23-ئىيۇل مىسىردىكى مادا ماسىر مەتبۇئاتىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ھازىر تۇرا تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان شەرقىي تۈركستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 110 يېتىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ مىسىر ئىستىخپارات دائىرىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى، قانداق تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقىغا دائىر سوئال سوراقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشى قانۇنسىز ھەتتا خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ دەپ ئەيىبلىگەن . ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىنى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

گەرچە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى،گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مىسىر دائىرىلىرىنىڭ گۇناھسىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا، تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ،مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى، تۇتقۇنلارنىڭ سانى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى . مىسىرتدا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى،بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تەرىپى بولۇپ، گۇناھسىز بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ دەپ قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە .

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*