گۇمادىكى مۇكاپاتلانغان ساقچى ئابدۇرېھىم تۆمۈر: «14-فېۋرال ۋەقەسىدە خىزمەت كۆرسەتتىم»

خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساقچى ساھەسىدىكى 18 كوللېكتىپ ۋە 37 شەخسنى مەملىكەت بويىچە خىزمەت كۆرسەتتى دەپ مۇكاپاتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادئىوسى مۇخبىرى بۇ  يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكىدىكى گۇما ناھىيە چودا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم تۆمۈرنىڭ كىملىكى ۋە قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم تۆمۈر ئۆزىنىڭ 2015‏-يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن ئەمما، خىتاي دۇنياغا ئاشكارىلىمىغان «14-فېۋرال ۋەقەسى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.  زىيارەت داۋامىدا مەلۇم بۇلۇشىچە  گۇما ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابدۇرېھىم تۆمۈرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت قايسى ئىشىنى ياكى قايسى تەرىپىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلمىگەن. ئابدۇرېھىم تۆمۈر، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى يۈز بەرگەن «14-فېۋرال ۋەقەسى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇ، 14-فېۋرال دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنىڭ قايسى ۋەقە ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ۋەقەدە ئۆزىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

مۇخبىرنىڭ ئىلگىرىلەپ تېلېفون زىيارىتى ۋە تور خەۋەر ئارخىپلىرىدىن ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە ئابدۇراخمان تۆمۈر تىلغا ئالغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ  خىتاي ئاخباراتى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان، 2015-نچى يلى يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەنلىكى، مەزكۇر ۋەقەدە ئاز دېگەندە 7 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلانغانلىقى دەلىللەنگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  خىتايچە خەۋەر ئارخىپىدىكى 2015-يىلى 16-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شۇ ئاي جۈمە يەنى 13-فېۋرال كۈنى گۇما بازار ئىچىدە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 7 كىشى يارىلانغان. ئۇيغۇر بۆلىمى تارقاتقان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەنىڭ گۇما كونابازار پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە يەتتە كىشى ئۆلۈپ، ئون نەچچە كىشى يارىلانغانلىقى دەلىللەنگەن. ئەمما، دائىرىلەر ئەينى كۈنلەردە ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كىملىكى ئاشكارىلانمىغان. بۇ ۋەقە ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ گۇما كونا بازاردىكى پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرىدە، ۋەقەنىڭ بومبىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان؛ بەزى ئۇچۇرلاردا ۋەقەنىڭ ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش داۋامىدىكى زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىگۇناھ ئامما ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ئىككى يىلدىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان گۇما پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر قانلىق ۋەقە، بۇ قېتىم گۇما چودا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان تۆمۈرنىڭ مەملىكەتلىك قەھرىمان ساقچى بولۇپ مۇكاپاتلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى تارتقان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

 

Leave a Comment

*

*