تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئەندىشە قوزغىدى

تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى 13‏-ماي ئىمزالاندى. بىراق، كېلىشىمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس. كېلىشىمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ۋە ئۇيغۇرلار بولغان تەسىرى غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى.

ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەر خىل رادىكال دىنىي خاھىشلارغا چېتىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلار ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل نازارىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان نازۇك مەزگىلدە ئىمزالىنىشى ئەندىشە قوزغايدىكەن.

تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالاندى. 13‏-ماي ئۆتكۈزۈلگەن خەلق سارىيىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ نازارەتچىلىك قىلغان. ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكىدىكى مۇراسىمدا يەنە، تۈركىيە-خىتاي قۇرۇقلۇق قاتنىشى، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان ئىدى.

تۈركىيەلىك ئادۋوكات ئەنگىن كارتال ئەپەندى بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن خەۋپلىك بىر كېلىشىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل 16‏‏-ئاپرېلدىكى رېفېراندۇم بۇ كېلىشىمنىڭ يولىنى ئاچقان.

ئەنگىن كارتال مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كېلىشىم ناھايىتى خەۋپلىك بىر كېلىشىم. بۇ كېلىشىم شۇنىڭ بىلەن باراۋەر نۇرغۇن ئىشىكلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالانغان. بىراق بۇ كېلىشىم، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بۇ كېلىشىمنى رەت قىلغاچقا، ئۇ قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمىغان. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بۇ كېلىشىمنى رەت قىلغاچقا، خىتاي بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمىگەن. بىراق ھازىر، بۇ كېلىشىم 16‏-ئاپرېلدىكى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدىن كېيىن ئىمزالاندى. يېڭى ئاساسىي قانۇندا بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بۇ يەردىكى خەۋپ مانا مۇشۇ يەردە.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىم، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مەزگىلدە ئىمزالاندى.
تۈركىيە-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار، كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ياۋروپانىڭ كۈرت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى، ياۋروپا ستاندارتلىرىغا ئەمەل قىلىش قاتارلىق ئامىللار تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە فەتھۇللاھ گۇلەن مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى كۈرت قوراللىق گۇرۇھى – ي پ گ نى قوراللاندۇرۇپ، تېررورلۇق گۇرۇھ دائېشقا تاقابىل تۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار رول ئوينىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەردوغاننىڭ 16‏-ماي ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىگە باغلىقكەن.

تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى تىمۇر خوجائوغلۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆرەيلۇق، بۇ، پرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا ساياھىتى قانداق ئۆتىدۇ. شۇنى كۆرگەندە بۇ ۋەزىيەت تېخىمۇ مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر ئەردوغان ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا ئېرىشسە، شۇنىڭغا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. يەنى تۈركىيە خىتاينىڭ بەك قاتتىق تەسىرىدە قالمايدۇ. بىراق، ئامېرىكىدا پرېزىدېنت ترامپ ئەردوغاننى بەك سوغۇق كۈتۈۋالسا، ئارىدىكى ئىختىلاپلار ھەل بولمىسا، تۈركىيە-ئامېرىكا ۋەزىيىتى تۈزەلمەيدۇ. نەتىجىدە، تۈركىيە رۇسىيە بىلەن خىتايغا مەجبۇرىي يېقىنلىشىدۇ.»

ئەردوغان 12‏-ماي خىتايغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ 16-ۋە 17-ماي كۈنلىرىدىكى ئامېرىكا زىيارىتىنى «تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر مىلادىيە بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېگەن ئىدى.

پروفېسسور تىمۇرخوجائوغلۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يەكلىنىپ قالغان. ئۇ، نەتىجىدە ئەردوغاننىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «تۈركىيە، بىلىسىز، ئېلىپ بارغان سىياسىتى تۈپەيلى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن يەكلىنىپ قالدى. بىر رۇسىيە بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاز يېقىن بولغان. ئەمما رۇسىيە بىلەن ھازىر ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس مۇناسىۋىتى. ھازىر ئەردوغان خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تۈركىيە يەكلەنمىدى، خىتاي بىلەن دوست، دەپ، كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. خىتايلار ئەردوغاننىڭ ناھايىتى زەئىپ يېرىدىن تۇتۇۋالدى. بولمىسا، ئۇنىڭ بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىشى ياخشى ئىش ئەمەس. ئۇ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە يەكلىنىپ قالغاچقا، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودىنى كۆپەيتىشنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ. چۈنكى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يامانلىشىپ قالدى.»

تۈركىيەلىك ئادۋوكات ئەنگىن كارتال يەنە، تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە باھا بېرىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ قانۇنى ھۆكۈمى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئۇ «تېررورلۇق» بىلەن قارىلىغان بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلالايدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر، خىتاي سىياسىتىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار گۇناھكار، دەپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، خىتاينىڭ بەرگەن ئىستىخبارات ئۇچۇرى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى دائىش ئەزاسى، بەزىلىرى تېررورلۇق تەشكىلات ئەزاسى، دەپ قارىلىپ، تەقىبگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن بۇ كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيە يېڭى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاخىرقى ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدە بۇ خىل كېلىشىملەر قانۇن ھۆكۈمدۇر. شۇڭا، تۈركىيە بۇ شەخسلەرنى ھەقىقەتەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك، دەپ قارىسا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.»

ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ 13-ماي بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلغان كۈنى ئۆز-ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شى جىنپىڭ ئەردوغانغا خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى تەكىتلەپ، فەتھۇللھا گۈلەن مەسىلىسىدە «تۈركىيەگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق شەخس ۋە ئورگانغا رۇخسەت قىلمايمىز. بۇ مەسىلىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىمىز»دېگەن.

ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭغا جاۋابەن نېمە دېگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ۋە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئەردوغاننىڭ سۆزى قەيت قىلىنمىدى. بىراق ئەردوغان 14‏-ماي «بىر بەلۋاغ، بىر يول» يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۇ يولنىڭ يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى «تېررورلۇق»نى تۈگىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*