خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن، سانجى، قۇمۇل قاتارلىق جايلىرىدا مۇكاپات تەسىس قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئۆز ئارا پاش قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغان.

مەزكۇر ئۇچۇرنى خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» 10‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تەدبىر بۇ يىل 3‏-ئايدا يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە خوتەن ۋىلايىتى ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تەسىس قىلىپ، «تېررورلۇق ھەرىكىتى» گە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن پۇقرالارغا مۇكاپات بېرىشنى يولغا قويغان. خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا ئېلان قىلغان مۇكاپات تۈزۈمىدە ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ، 5 مىليون يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما دائىرىلەر كادىرلار ئىچىدىكى پاش قىلىش مۇكاپاتى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى، خوتەندىكى بىر ئامانلىق كادىرى كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما مۇكاپاتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىتىشنى رەت قىلدى.

ساقچى: ئاشۇ ئۇقتۇرۇشتا چىقىرىپ قويۇقلۇققۇ، ئاشۇ يەرگە. ئۇنى ئاشۇ نېمىگە قاراپ ئۇقۇڭلار. بولماي قالسا ماۋۇ ج خ ئىدارىسىگە كېلىپ ئۇقساڭلارمۇ بولىدۇ. چاپلاپ قويغان ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ يېزىپ قويغان ئەينا.

مۇخبىر: قايسى دەرىجىلىك قانداق كادىرلارنى باش قىلىشقا بولىدۇ؟

ساقچى: مەسىلەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەكشۈرىدۇ، ئەينا. ياكى ماۋۇ ساقچىلارنى پاش قىلماقچى بولسا، مۇپەتتىش ئەترىتىگە بارسىمۇ بولىدۇ. يېزا-كەنتنىڭ كادىرلىرىنى پاش قىلماقچى بولسا ئىنتىزام تەكشۈرۈشكە بارىدۇ.

بۇ ئۇچۇر خوتەن ناھىيەسى ئازنابازار كەنتىنىڭ سېكرېتارى جېلىل مەتنىياز دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا «تاماكا چېكىشتىن ئەيمەندى» دەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى خەلقئارا ئاخبارات ئۇستىلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.
خوڭكوڭ «كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە مەركىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاش قىلىش مۇكاپاتىدا كادىرلاردىكى پاش قىلىنىدىغان 100 خىل خاھىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ 100 خىل خاھىش «بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پوزىتسىيىسى مۈجمەل بولغانلار، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە يۇقىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلار، سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلمىغانلار، دىنغا ئېتىقاد قىلغانلار، ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئىچىدە كۆز قارىشى مۈجمەل بولغانلارنى تەنقىد قىلمىغان، تۈزەتمىگەن ۋە تەربىيە بەرمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىشى، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىكى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

ئامېرىكا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى بارغانچە ئېغىرلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، دېگەن نامدا شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقادى باشقا مىللەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر رېئاللىق. بۇ ئەھۋالنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى شىنجاڭ سىياسىتى پەيدا قىلدى. شۇڭا، شىنجاڭدا مۇناسىۋەتلەردىكى جىددىيلىك بىر نەتىجە. ئۇ، كومپارتىيە سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرىنى شىنجاڭدا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئۇلارنىڭ تىل، يېزىق ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مۇكاپات تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ناھايىتى ئاسانلا سۇيىئىستېمالغا ئۇچراپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق ئىشلار كامبودژادىمۇ بولغان. خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە دوپىگەي دەۋرىدىمۇ بولغان. مەسىلەن، بىزنىڭ قازاق يۇرتتا بىر قازاق، بۇ شۇ چاغدىكى گەپتە ئەمدى، ماۋجۇشىنىڭ جياڭ چىڭ، دەپ خوتۇنى باركەن، دېگەن گەپكە، ئاشۇنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، سەن ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشىنىڭ خوتۇنى بار، دېدىڭ. مۇنداق دېدىڭ، ئۇنداق دېدىڭ، دەپ نورمال بىر گەپنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، غۇلجىدا شۇ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. يەنە بىر قازاق، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇل، دېگەن گەپنى دېگەنگە سۆرەپ چىقىپ، سەن پانتۈركىست، چەتئەلگە باغلانغان، دەپ شۇنىمۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال. بۇ بېرىۋەرسە، پاش قىلىۋەرسە ئەنە شۇنداق يەرگە يېتىپ بارىدۇ. پرىنسىپقا كۆتۈرسە، ئۇ تېتىقسىز، چېكى يوق بىر يەرگە يېتىدۇ».

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كوممۇنىست كادىرلىرىنى بۇنداق دەپسەن قىلىشى، ئۇلاردىكى خىتاي مىللىتى ۋە كومپارتىيەسىگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدنى يوقىتىدىكەن.

قاھار بارات: «قاتتىق بېسىمنىڭ شەكلى نەگە قەدەر يەتتى، دېسە، بۇ ئۇيغۇرلارنى بېسىشتا ئەڭ چوڭ كۈچ چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنى بېسىش نۇقتىسىغا كەلدى. ئەڭ ئاخىرى پارتىيەگە، خىتاي مىللىتىگە بولغان بىر خىل ئىشەنچىنى ساقلاپ قېلىۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى شۇ كوممۇنىست كادىرلار ئىدى. ئەگەر بۇلارنىمۇ كۆزگە ئىلمىسا، بۇلارنىمۇ چۆرۈپ تاشلىۋەتسە، ئۇيغۇر خەلقى يۈزدە يۈز خىتاي مىللىتى ۋە ھۆكۈمىتىگە بولغان دوستلۇقىنى، ياخشى ئىدىيەسىنى يوقىتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى ئالدىدا پارتىيەنى ماختاۋاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ماختاۋاتقان مىللىي كادىرلارنى مۇنداق دەپسەندە قىلسا، بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدمۇ تۈگىدى، دېگەن گەپ».

پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو پروگراممىسىدىكى دوكتور چېن كۇيدېنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسەت يەرلىك ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆچمەن خىتايلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيانلىقكەن.

چېن كۇيدېمۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ئارا قارشىلىشىش بارغانچە جىددىيلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى نۇقتىلىق يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاتالمىش مىللىي سىياسىتى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆز ئارا زىددىيەت بارغانسېرى شىددەتلىك، بارغانسېرى كەسكىن، بارغانسېرى نەپرەتكە تولغان مۇشۇنداق ھالەتكە كەلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەھۋال نوقۇل شىنجاڭ خەلقىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بۇ رايوندىكى خەن پۇقرالىرىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق. بۇ سىياسەتنىڭ ھېچقانداق ئىستىقبالى يوق. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شىنجاڭدىكى ئاتالمىش تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، بۇ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. لېكىن شىنجاڭدا خىتاي كومپارتىيەسى دېگەندەك ئۇنداق ئېغىر تېررورلۇق ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس».

خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە مەركىزى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كادىرلارنى پاش قىلىش ھەققىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىدە، ئەگەر پاش قىلىنغان بىرەر كادىرنىڭ پارتىيە ئەزالىقى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزۇلسا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلسا، پاش قىلغۇچىغا ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ سوم بېرىلىدۇ.

ئەگەر پاش قىلىنغان كادىرغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن بولسا، پاش قىلغۇچى ئاز دېگەندە 10 مىڭ سوم، كۆپ بولسا 50 مىڭ سومغا قەدەر مۇكاپات ئالىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر مۇكاپات تۈزۈمىدە يەنە، پاش قىلغۇچىنىڭ مۇكاپاتنى دېلو ئاخىرلىشىپ، 3 ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*