خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي بازا» ئالىي مەكتەپلەرنى چىڭ ساقلىيالامدۇ؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سېكرېتارى چېن چۈەنگو 4-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنلىرى «ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ،
ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا، پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە سەمىمىي-سادىق، ئىشەنچلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۈكسەك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆز ساداقىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇستەھكەم بازا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي ھاۋاسىنىڭ ئەزەلدىن يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلىم ئېلىش، ئۆزىنى پەن تېخنىكا يېڭى بىلىملىرى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇرسەتلىرىدىن يىراق قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

31-مارت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىدە شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كادىرلار يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋەلى باراتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

تاشپولات تېيىپ 2010-يىلى 12-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ياپونىيەدە تەبىئىي پەنلەر ساھەسى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ھەر ساھە ۋە ھەر جايدا «ئىككى يۈزلىمىچى ئەمەلدارلارنى جازالاش» يۇقىرى دولقۇنى ھاسىل قىلغان بىر پەيتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، «ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي بازىنى چىڭ تۇتۇش» نى تەكىتلەشتەك سىياسىي كەيپىيات ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بىر كەيپىياتنىڭ داۋام سۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئايشەمگۈل خانىم: «بېسىم بار يەردە ئەلۋەتتە قارشىلىق بولىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ئىلىم-مەرىپەتكە يات بولغان سىياسىي تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزلىرى دەۋاتقان ئالىي مەكتەپلەردىن ئىبارەت بازىنى چىڭ ساقلىشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*