بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئاتۇشتا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس سولىۋېلىنغان

مۇشۇ ئاي ئىچىدە بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلىدە، بۇ ئىككى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىلا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس يىغىۋېلىنغان. بۇ ئەھۋال ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئارقىلىق رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئاتۇشنىڭ ئازاق ۋە ئاھۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، 3 كەنتنىڭ سېكرېتارىدىن بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. سېكرېتارلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆز كەنتلىرىدىن 4 تىن 7 گە قەدەر بۇرۇن جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغان سابىق مەھبۇسنىڭ سولىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇشتا ئىككى يىغىن مەزگىلىدە سولىۋېلىنغان 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇسنىڭ بىر قىسمى يىغىندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپ قىسمى داۋاملىق تۈردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خىتاي ئاخباراتى بۇ يىل 3- ۋە 4-مارت كۈنلىرى باشلىنىپ 13- ۋە 15-مارت كۈنلىرى ئاخىرلاشقان مەزكۇر ئىككى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ۋە داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىقىنى، يىغىندا ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئازادە بايان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما، بۇ يىغىننى قانداق بىر ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئاچقانلىقى ۋە يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىگۇناھ كىشىلەرگە قانداق ئاۋارىچىلىكلەر سېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. رايون ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونى بويىچە مىڭلارچە كىشى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۆزىدىنلا 200 دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇس سەۋەبسىزلا سولىۋېلىنغان.

يۇقىرىقى ئۈچ سېكرېتارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر 3 كەنتتىن ئىككى يىغىن مەزگىلىدە جەمئىي 14 نەپەر سابىق مەھبۇس ۋە گۇماندار سەۋەبسىز تۇتۇلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش شەھىرى جەمئىي 75 كەنت ۋە 16 ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن، ئاتۇشنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 25 مىڭنىڭ ئۈستىدە. مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، /ئەركىن ئاسىيا ردىئوسىغا  يەتكۈزۈلگەن ئاتۇشتا 2 يىغىن مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونى بويىچە مىڭلارچە ۋە ئاتۇش بويىچە 200دىن ئارتۇق سابىق مەھبۇسنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئۇچۇرىنىڭ كۆپتۈرمە ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*