ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

ئۇيغۇر رايونىنىڭ 50 ماددىلىق «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئىنتايىن كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ. ساقال ۋە ھىجاپنى ئاممىۋى سورۇنلاردا مەنئى قىلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەش، قانۇنىي رەسمىيەتسىز توي قىلىش ۋە نىكاھ ئوقۇشنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار بۇرۇن يولغا قويۇلغان.

بىراق بۇ قېتىم يېڭى ماقۇللانغان نىزامدا، بۇرۇنقى مەۋجۇت چەكلىمىلەر كېڭەيتىلىپ، ئۇنىڭغا 15 خىل يېڭى چەكلىمە قوشۇلغان. ئۇنىڭدا، ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزىيە، رادىيو قاناللىرىنى، باشقا ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرۈش، ئاڭلاش، ئىشلىتىشنى رەت قىلىش، ھالال سۆزىنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى غەيرىي يېمەك-ئىچمەكلەرگە قوللىنىش، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، خەلق پۇلى قاتارلىقلارغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بالىلاردا دىنغا بولغان ئىشتىياقنى قوزغاش قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ قارىلىپ، جازالىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

7 باب 50 ماددىلىق مەزكۇر نىزامدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن رايوندا «ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە يوقىتىش، ئۇنىڭ زىيىنىغا قارشى مۇداپىئە كۆرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى نىشان قىلغان.
دائىرىلەر بۇ نىزامنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇنلۇقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇ، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفورد پەيشەنبە كۈنى  ئەركىن ئاسىيا ردىئوسىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نىزامنى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق» دېگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يېڭى نىزامىدا بىر تەرەپتىن مەۋجۇت چەكلىمە تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان. بۇ، بېيجىڭ ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى دىنىي، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى. بۇ نىزام نوقۇل دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىنىپ قالمايدۇ، ئۇ يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خاتا ھالدا شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەخسى تاللىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بار دەپ قارايدۇ. بۇ دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ئېغىر خىلاپلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە، كىشىلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇش يولىنى تىنچ تاللاش ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپ. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا پولات قورغان قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىراق بۇ سىياسەت، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىنتايىن زور سېپىل.»

تىنا مۇفورد خانىم يەنە، ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىبادەتكە ئارىلىشىپ، قانداق ئىبادەتنى نورمال، قانداق ئىبادەتنى بىنورمال، دەپ بېكىتىپ بېرىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

تىنا مۇفورد: «ھەرقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى قانداق ئىبادەتنىڭ نورمال ئىبادەت، قانداق ئىبادەتنىڭ بىنورمال ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئايرىشقا قادىر دەپ قارىشى ناھايىتى خەتەرلىك. بۇ خەتەرلىك چېگراغا ئاتلاپ كىرگەنلىك. خىتاينىڭ چىقارغان بۇ قانۇنىدىن قارىغاندا، ئۇ، باشقا ۋاقىتلاردا نورمال دەپ قارالغان تىنچ دىنىي ئىبادەتلەرنى ئەسەبىيلىككە ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، يوشۇرۇن تېررورلۇققا باغلاپ قويغان. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك يالغانچىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ھۆكۈمەت شىنجاڭدا شەكىللەندۈرگەن يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ، نېمە ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئارام بولۇشىدىكى سەۋەب. چۈنكى، ئۇلار ياشايدىغان بۇ قاتتىق يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت بولدى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نامىدىكى مەزكۇر قانۇن-نىزامىدە يەنە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە دائىر بەزى ماددىلار كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە توغرا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۇلارغا ئىلىم پەننى ھۆرمەتلەش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىلاپلىق قىلغان ئاتا-ئانىلار «دىنىي ئەسەبىيلىك»سادىر قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چىقارغان مەزكۇر قانۇن-نىزامىغا يەنە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى‏-ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ئىنكاس بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم خۇپېر، پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىبراھىم خۇپېر مۇنداق دەيدۇ: «بىز دىنىي ئىبادەتكە قارىتىلغان ھەرقانداق چەكلىمە خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەرگە خىلاپ، دەپ ئىشىنىمىز. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل خەلقئارا سەھنىلەردە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. سىز دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئۇرۇش قىلالمايسىز. بۇنداق قىلىش پەقەت دىنىي ئەسەبىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرقانداق ھۆكۈمەت قانداق ئويلىسا-ئويلىسۇن، ئۇنىڭ ھەرىكىتى چوقۇم خەلقئارا قانۇن ۋە مەۋجۇت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن بولۇشى شەرت دېگەنلىك، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇش، دېگەنلىكتۇر. قانداق ھۆكۈمەت بولسا بولسۇن ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرسۇن، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر.»

ئىبراھىم خۇپېر يەنە، مەزكۇر قانۇننىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھىجاپ، ساقال، روزا تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىبراھىم خۇپېر: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى نورمال پائالىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە زوراۋانلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئەسەبىي قاراش. بىراق بەزى ئالاھىدە مەخسۇس كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش، ساقال قويۇش، ناماز ئوقۇش ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ھەرگىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئەمەس. بۇنىڭغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەزكۇر قانۇن نىزامى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6- ۋە 7-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا كۆرۈشىدىغان سەزگۈر مەزگىلدە چىقىرىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەكس تېللىرسوننىڭ 18- ۋە 19-مارت كۈنلىرىدىكى خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە قارار قىلىنغان. تېللىرسوننىڭ زىيارىتىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار ۋە بەزى تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇففورد، ترامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇمۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ سۆزىمىز بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىرىمىز بىلەن بىردەك. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلىرىدا، ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قىلىۋاتقان ئېغىر، جىددىي ۋە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ كەلدۇق. بىز نوقۇل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنىلا ئەمەس، باشققا دىنىي گۇرۇھلارنىڭمۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بولۇپمۇ بۇنداق ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇرۇن ئىزچىل شۇنداق قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەندەك، بۇ قېتىممۇ بۇ مەسىلىنى ھەر بىر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز.»

ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نامىدىكى مەزكۇر قانۇن-نىزامى 1‏-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*