ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى شىددەت بىلەن ئۇلغىيىۋاتقان ساقچىلار قوشۇنى ۋە «ئىناق جەمئىيەت» قۇرۇلۇشى

يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى ئالاقىدار خەۋەرلەر مۇناسىپ يەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەڭ دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى رايون مىقياسىدا كۆپەيتىلىۋاتقان ھەربىي ۋە ساقچى قوشۇنىدۇر. بۇ ھال خەلقئارا جامائەتنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تەكىتلەۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئىتتىپاقلىق» ۋە «ئىناق جەمئىيەت» چاقىرىقلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كىشىلەرنىڭ گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، رايون مىقياسىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە 28-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ھەربىي پارات ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش قەسەمياد يىغىنى»نى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ خىلدىكى قەسەمياد يىغىنلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا 19-مارت كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ خەيلۇننىڭ قەشقەردىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىدىن ھال سورىغاندا «پولاتتەك ئىرادە ۋە تۆمۈر مۇشت بىلەن ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نى كۇكۇم-تالقان قىلىش، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدا ئىتتىپاق ۋە ئىناق ۋەزىيەت يارىتىش» نى تەلەپ قىلىشىدا ئىپادىلەندى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگو ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا قوبۇل قىلغان ساقچىلار قوشۇنى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، يېقىندىلا قەشقەر شەھىرى يېڭىدىن ئۈچ مىڭ ساقچى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان يەرلىك خىتاي پۇقرالار ساقچىلار سانىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى:
«شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئون مىڭمۇ چىقمايدىغان بىر كىچىككىنە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئۆزىدىلا يۈزدىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى بار. ساقچىخانىدىكى مۇنتىزىم ساقچىلار بەك بولسا ئون نەچچە ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىرىنچىدىن خىزمەتنى جاپالىق دەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، خىزمەت شارائىتى ناچار دەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئېشەكتەك ئىشلىگەن بىلەن يا يۇقىرىنى يا تۆۋەننى رازى قىلغىلى بولمايدۇ، دەيدۇ. پۇقرالارمۇ ئۇلاردىن نارازى، نېمىشقا دېسىڭىز، خەق ئۇلارنى ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالغان بىلەن ناباب ئىشلارنى قىلىدىغانلار، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش. ساقچى بولغانلارغا جەمئىيەت ئوڭ كۆزىدە قارىمىغاندىكىن، ئۇلارمۇ ھەر زامان ئۆزلىرىنى جۇلۇقى چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ يۈرمەكتە. شۇڭا ھازىر جەمئىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزلىگەن ئەھۋاللارنىڭ تەتۈرى ۋۇجۇدقا چىقماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھەممىلا ئادەمنىڭ رايى يېنىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ھال بەكمۇ تېز، بەكمۇ روشەن ۋە بارغانسېرى كەڭ دائىرىلىك بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمەت سالمىقى ۋە خىزمەت بېسىمى ھەققىدىكى ھەجۋىي شىكايەتلەردە بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرى يۇقىرىقى باياننىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچىلار قوشۇنىنىڭ مۇشۇ رەۋىشتە تېز سۈرئەت بىلەن ئۇلغىيىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس. ئۇ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن ۋەخپى نەشر قىلىۋاتقان «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە نەشردىن چىققان 17-توپلام 4-سانىدا «شىنجاڭدىكى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ساقچى دۆلىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئېلان قىلدى.

پروفېسسور جېيمىس لېيبولدنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى رايون مىقياسىدا يېڭىدىن 90 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلغان، مىڭلىغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خامچوتى 365 پىرسەنت ئاشقان. نەتىجىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا «شىنجاڭ-خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ جەڭگاھى» دەپ ئاشكارا چاقىرىق قىلغان.

پروفېسسور لېيبولدنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچى كۆپەيتىش خىزمىتى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ئاندىن ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇقرالارنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىغا كېڭەيتىلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار ئاساسلىق كۆزىتىش نىشانى قىلىنغان. بۇ خىلدىكى «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاق» بولغان بىخەتەر رايون مۇھىتى يارىتىشنىڭ ئىمكانىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور لېيبولد بۇنىڭدىكى مۇمكىنچىلىك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ بەكمۇ مۈشكۈل. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆزى ھازىر ئۆزىنى بىخەتەر، دەپ ئېيتالمايدۇ. ھازىر بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىدىن قورقۇشى ھەرقانداق بىر چەتئەل ھۆكۈمىتى ياكى چەتئەل ئارمىيىسىدىن بولغان قورقۇشتىن ئېشىپ چۈشۈۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ قورقۇش تۈپەيلىدىن، ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىككە سەرپ قىلغان دۆلەت خامچوت مىقدارى تاشقى مۇداپىئە ھەربىي خىراجەت خام چوتىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل قورقۇش يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە خىتاي پۇقرالىرى ۋەجىدىنمۇ بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى شىنجاڭغا كەلسەك، ئۇلار دەۋاتقان ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› خىزمىتى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ چېگرا ھالقىغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى مەسىلىلىرى بىلەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا باغلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مەۋجۇت بولمىغان بىر خاراكتېر قوشۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

دەرۋەقە بۇ خىلدىكى غايەت زور «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى ئارقىلىق «بىخەتەر» بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەر «دوستانە» ياشايدىغان «ئىناق جەمئىيەت» بەرپا قىلىشتا بۇ خىلدىكى ساقچىلار ۋە ھەربىيلەر قوشۇنىنى كۆپەيتىش تەدبىرىنىڭ قانداق رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا، جېيمىس لېيبولد مۇنداق دەيدۇ: «ئىناق جەمئىيەت دېگەندە، ھازىر ھەرقاچان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما مەن، ساقچى دۆلىتى ۋە نازارەت دۇنياسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىنى ۋەيران قىلىدۇ، دەپ قارايمەن. ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، شۇنداقلا بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ھالبۇكى، ھازىر بەرپا بولۇۋاتقان ساقچى دۆلىتى ئاساسەن خىتايلارنى مەركەز ۋە ئۆلچەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھال بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىن، تىل جەھەتتىكى ئۆلچەملىرىگە ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچۈن بۇ تەھدىتلەرگە ‹بىخەتەرلىك› ئەندىشىسى قوشۇلماقتا. شۇڭا ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئاشكارا قارشىلىقلارنىڭ سانىنى ئازايتالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىچكى جەھەتتە، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشى، بۇ بولسا ئۇزاق بىر مەزگىلنى كۆزلىگەندە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى ئېنىق. بۇ خىل ئەھۋال شۈبھىسىزكى، تېخىمۇ زور بىر زورلۇق ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.»

تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» خىزمىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل مۇھىتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئۈچۈن «ئىناق جەمئىيەت» بەرپا قىلالىشى تولىمۇ گۇمانلىق ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*