كۇنمىڭ ھۇجۇمچىسى ئىسكەندەر ئەخەتنىڭ دادىسى «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا زورلانغان

ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «مەسىلە تاپشۇرۇش» سىياسىي ھەرىكىتىدە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكىلا ئەمەس، 10-15 يىل ئاۋۋالقى، ئۆزىنىڭلا ئەمەس، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئاتالمىش مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇش ۋە بوينىغا ئېلىشقا مەجبۇرلانماقتا. مەسىلە تاپشۇرۇش ۋەھىمىلىك داۋام قىلىۋاتقان جايلاردىن بېرى، كۇچانىڭ ئۇزۇن يېزا سېغىز سۆگەت كەنتى. مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى ئىسكەندەر ئەخەت، سېغىز سۆگەتتىن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەخەت بۇ قېتىمقى مەسىلە تاپشۇرۇشتا نۇقتىلىق كىشىگە ئايلانغان ۋە ئاتالمىش خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا زورلانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، رادىيومىزغا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مەسىلە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپنىڭ بىگۇناھ پۇقرالار ئەمەس، خىتاي دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىز، كۇچا سېغىزسۆگەتتە داۋام قىلىۋاتقان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدە ئىسكەندەر ئەخەت ئىسىملىك بىر سابىق مەھبۇسنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ گۇماندارنىڭ دادىسى ئەخەت دېگەن كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ جىنايىتىنىڭ بىرقسىمىنى بوينىغا ئېلىشقا قىستىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ۋەقەلەر ھەققىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسكەندەر ئەخەت 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى بولۇپ، ئۇ ۋەقەدىن كېيىن يۈننەن ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ، جازاسى ئىجرا قىلىنغان. ئارىدىن ئاز كەم 4 يىل ئۆتكەندە ئىسكەندەرنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك، دادىسى ئەخەت يەنە بىر قېتىم سوراققا تارتىلغان. مەزكۇر ئۇچۇردا يەنە دېيىلىشىچە، ئىسكەندەرنىڭ دادىسى بۇ قېتىمقى سوراقتا، ۋەقە يۈز بەرگەن يىلدىكىدىن پەرقلىق ھالدا، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنلىكى، بالىسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە كۆز-قۇلاق سالمىغانلىقى، كۇنمىڭغا كەتكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرمەسىلىك قاتارلىق بىر قاتار ئاتالمىش خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىشقا قىستالغان. سېغىز سۆگەتكە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇردا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. مەزكۇر كەنتكە مەسئۇل ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ ئىسكەندەر ئەخەتنىڭ دادىسىنى سوراق قىلغان ۋە ئۇ ھەقتە ئارخىپ تۇرغۇزغانلىقىنى پاش قىلدى.

ئاڭلىغۇچىمىز تەرىپىدىن يوللانغان يۇقىرىقى ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەسىلە تاپشۇرۇش دولقۇنىدا، سېغىز سۆگەت كەنتىدىكى بىرمۇ كىشى، بۇ ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا قالالمىغان. ئەمما كەنتتىكى چەتئەل كۆرگەنلەر، جۈملىدىن تارقاق ھەج قىلغانلار بىلەن سابىق گۇماندارلار ئائىلە-تاۋابىئاتى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ مەركىزى ئوبيېكتى بولغان. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدا مەسىلە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالار ئەمەس، رايوننى ئىدارە قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى تىنچلىقنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى بىلەن بۇزۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇرغۇنجان ئەپەندى، مەسىلە تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇر رايونىدا قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى شېرىكلىرىنىڭ ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ نۇقتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز كېسىشىنى، خىتاي ھېساب بېرىشكە تېگىشلىك جىنايەتلەردىن بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*