ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى: «خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماقتا!»

بۇنىڭدىن 15 يىل مۇقەددەم خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار خىتاينىڭ سودا تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە خىتاي دۆلىتىدە سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. ئەمما، ئۆتكەن ئون بەش يىللىق ئەمەلىيەت خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىلەرگە ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ، دۇنيانى ئالداپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مۇناسىۋەت مۇشۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ سودا تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 164 دۆلەت مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئادەتتە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا مىقياستا سودىلىشىشىنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك سودا قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتلىرى بىردەك دۇنيا سودا تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئىمزا قويىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل مۇشۇ رەۋىشتە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي دۆلىتى 2001 – يىلى 11 – دېكابىردا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەمدە بارلىق ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرنى ۋە شەرتلەرنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما 1- مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ھەمدە ئالاقىدار ۋەدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشى: ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يۈكسىلىشى» تېمىسىدىكى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۆتكەن ئون بەش يىللىق باسقۇچتا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىزچىل بىر ياققا قايرىپ قويۇپ دۇنيانى ئالداپ كەلگەنلىكىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىردەك پىكرىچە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى بۇنىڭدىن غايەت زور مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نى «كومپارتىيە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» نىڭ ئورنىغا سەپلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ھەمدە بۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى نەنسىي پېلوسى بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولۇپ كەلگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشنىڭ ئالدى‏- كەينىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ كېلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىللىق ئەمەلىيەتنىڭ، ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆز سەنىمىگە دەسسەشتەك بىر باسقۇچ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىشى، شۇ ۋاقىتتا خىتايدا گۈللىنىش، دېموكراتىيە ھەمدە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە يۈكسىلىشىگە ئاساس سالىدۇ، دەپ قارالغان. ئەمما ھازىرقى رېئاللىققا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ كەلمەكتە. نەنسىي پېلوسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە پايدىلىق ماددىلارنى ئىجرا قىلىپ، تولۇق بەجا كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان باشقا ماددىلارغا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئارىلىقىدا بىز نەنسىي خانىمدىن خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق ‏- ئاستى بولۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى، بۇ خىلدىكى ئەھۋالنى تۈزىتىش ھەققىدە پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق چۈشەنچىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: « ۋىجدان مەھبۇسلىرى قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ، خەلق ئاممىسى بولسا باستۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىز ھەرقاچان ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز، شۇنداقلا ھەرقاچان ئۇلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ سۆز قىلىشقا تەييارمىز. دەرۋەقە دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر خىتايدىكى ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرىگە مەنسۇپ مەسىلىلەردە ھەرقاچان بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى پارتىيە ھەرقاچان دەرقەمتە پىكىرلىشىپ ئورتاق پىكىرگە كېلەلەيدىغان ھەمدە بىر يەڭدىن قول چىقىرالايدىغان بىر مۇھىم نۇقتا. يېڭى ھۆكۈمىتىمىز ھازىر خىتاي بىلەن ئالاقىدار بولغان ئىش پۇرسىتى مەسىلىسىنى جىددىي تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، مەن بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن دوللارغا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.»

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن يەنە بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى فرانك ۋولف بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئون بەش يىل ئىچىدە ئېگە بولغان ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە غايەت زور بايلىق ئارقىلىق تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ زالىم دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، دەل مۇشۇ زالىملىق سەۋەبىدىن سانسىزلىغان شەخسلەر خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ گۇمان نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى بۇ شەخسلەر، ھەرقاچان سىياسىي جەھەتتە زادىلا قارشى ئېلىنمايدىغان دىنىي جامائەتكە، يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا، مەخپىي خرىستىئانلارغا ۋە فالۇنگۇڭچىلارغا ۋەكىللىك قىلىشنى تاللىۋالغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر بارغانسېرى ئېغىرلىماقتا ئىكەن.

بىز ئۇنىڭدىن دۇنيا مىقياسىدا تەكىتلىنىۋاتقان «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» بىلەن خىتايدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى قانداق سېلىشتۇرۇش مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:«زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە فالۇنگۇڭچىلار، ئۇيغۇرلار، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مۇرىتلىرى، تىبەتلەر قاتارلىق ھەممىلا خەلق بار. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئىنسانغا ئۆز دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشاش ھوقۇقى بېرىلگەن. يەنە كېلىپ بۇ دىنىي جامائەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەزىلەتلىك پۇقرالاردۇر. ئۇلار ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنى، شۇنداقلا ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشنى ئىستەۋاتقان ئىنسانلاردۇر. تارىخ بىزگە شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، بىر ئادەمگە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى بېرىلگەندە ئۇ كىشى ھەرقاچان بىر ياخشى پۇقرا بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ.»

يىغىندا يەنە 2015 – يىلى خىتايغا بارغاندا «ئامېرىكىنىڭ جاسۇسى» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقراسى ساندى گىلىسنىڭ ئېرى جېف گىلىس، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفى رىچاردسون قاتارلىقلارمۇ ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*