ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈن تەرتىپكە كەلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى، ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قسىمىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

جۈمە كۈنى  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رېكىس تېللىرسون بۈگۈن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، بۇ يىل بۇ خىل دوكلات ئېلان قىلىنغىلى 41-يىل تولغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەڭ توغرا بىر شەكىلدە باھالاپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق ۋە ئەمگەك سەرپ قىلىنىدىغان بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە يۆنىلىش بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شۇنداقلا، بۇ دوكلاتنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ چىقىپ، ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەدەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

200 دىن ئوشۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالانغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىـت قىسمى بولسا 153 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇش قىسمىدا مۇنداق دىيىلگەن : «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر دىكتاتور دۆلەت. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەڭ يۇقىرى پارتىيە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق مۇھىم ئاپاراتلىرى ئۇنىڭ قولىدا… خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق ئادۋوكاتلىقى قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەر ۋە شۇنداقلا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئورگان ۋە شەخسىلەر ھەممىسى بىردەك ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا. خۇددى ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش خىتايدىكى پۇقرالار ئۆزىنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولالمىدى. ھۆكۈمەت ئەركىن سايلامنى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنلارغىچە چەكلىدى، ئۇنىڭغا ئارىلاشتى. بۇندىن سىرت، خىتايدا باشقىلارنىڭ ھاياتىغا قانۇنسىز ھالدا زىيانكەشلىك قىلىش، سوتسىز ئۆلۈم، قارا تۈرمە، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، قېيىن-قىستاق، ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، يازغۇچىلار، تور يازغۇچىلىرى، ئۆكتىچىلەر ۋە ئەرزدارلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنىشى قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا داۋام قىلدى.»

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەردە بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ئېغىرلىقى، ئۇلارنىڭ ئەركىن سۆزلەش، دىنغا ئىشىنىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش، يىغىلىش قىلىش ئەركىنلىكلىرى قاتتىق بېسىمغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا تىنچ يول بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولغانلارغا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا قوپاللىق بىلەن قولغا ئېلىش، زومىگەرلىك قىلىش، ئادىل سوت تەرتىپى بولماي تۇرۇپ جازالاشقا ئوخشاش ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ مەسىلە دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەر دېگەن قىسمىدىمۇ ئايرىم دېتاللىرى بىلەن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، 2015-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىدا تېررورلۇققا بېرىلگەن ئۇقۇمنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە ئېتنىك مەسىلىلەرگىچە بېرىپ چېتىلىدىغان ناھايىتى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ يىل 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ماقۇللانغان بىر ھۈججەتكە ئاساسەن تېررورلۇقنىڭ مەنىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ، تېلېفون ئارقىلىق تېررورلۇق ئىدىيىلىرىنى تارقىتىش ۋە ياكى ھالال دېگەن ئۇقۇمنىڭ يېمەكلىكتىن باشقا جايلارغا ئىشلىتىشمۇ تېررورلۇق قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، دېيىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى تىلغا ئالغان كىشىلەرنى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرنى قوللاش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئېغىر جازالاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بۈگۈن دوكلات ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى تېررورلۇققا چېتىپ قارىلاشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە 1949-يىلىدىكى نوپۇس قاتلىمى بىلەن ھازىرقى نوپۇسنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا پىلانلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، كۆچمەن خىتايلارنىڭ ياخشى خىزمەت ۋە ئىمتىياز بېرىلگەننىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بەزى ئىش ئېلانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ يېزىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دىيىلگەن : «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللارنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پروگراممىسى ئاستىدا يۆتكىمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئاپرىل ئېيىدىكى خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

دوكلاتتا يەنە، ئىلھام توختى تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئەكەلگەن جاڭ خەيتاۋغا ئوخشاش خىتاي تور يازغۇچىسىنىڭمۇ 19 يىللىق قاماققا ئېلىنغانلىقى، يېقىندا يەنە مىسرانىم ناملىق داڭلىق ئۇيغۇر مۇنازىرە تور بەت قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇلتۇر 9-ئايدا گۇمىدىكى جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىلىپ 17 كىشى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئائىـت ھېچقانداق ئىسپاتنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرەلەيدىغانلىقى، قانۇنسىز ۋىدىيو كۆرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە ئېلىنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر بىرمۇ-بىر بايان قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرىلىقىنى، ئەڭ مۇھىم نۇقتىنىڭ ھازىرقى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەربىر پۇرسەتتە تەكىتلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بۇ دوكلاتتا، خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ناھايىتى توغرا باھا بېرىلىپتۇ. بىز ھازىر دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنامدۇ-ئېلىنمامدۇ؟ بۇمۇ مۇھىم مەسىلە، مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسى ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەر بىر پۇرسەتتە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.»

زۇبەيرە خانىممۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتتىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشىشى كېرەكلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ مۇھىم كۈن تەرتىپلەر قاتارىغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*