ئۇيغۇر كادىر: «نامراتلارنى يۆلەشتە ھېچبىر ئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق»

خوتەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي بويىچىمۇ رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئېغىر جاي بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىنى 2020-يىلغىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەن ئىدى. نۆۋەتتە دائىرىلەر بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، نامراتلارنى ئازايتىش جېڭىدە غەلىبە قازانغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. خوتەندە نامراتلىقتىن تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرى بولسا، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ. «نامراتلىقنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟» دېگەننى تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا يۆلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىر ھەپتە ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلەپ تارقاتقان خەۋىرىدە، 2016-يىلى نامراتلىق ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، تۇنجى غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ ھەقتە «مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەتراپلىق يولغا قويغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە، 810 نامرات كەنت، بەش نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى» دەپ يازغان.

مەملىكەت بويىچە نامرات ناھىيە لوپتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئايال كادىر ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامرات دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقىدا ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەر بارلىقىنى، جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان، ياردەمگە موھتاج ئاممىنىڭ كۆپلۈكىنى ئېنىق كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، پەقەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر تىزىملاش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىدىن باشقا بىر ئەمەلىي ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن يىل بويى شۇ كەنتلەردە يۈرۈپمۇ ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىدە بىر ئۆزگىرىش ياسالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى «ياردەمگە موھتاج ئېغىر نامراتلىقتا قالغان دېھقانلىرىمىز بەك كۆپ، ئەمما بىز ئۇلارغا ئەمەلىيەتتە ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى كۆرسىتىشىچە، دۆلەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2300 سوم بولۇش نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىدى دەپ تەشۋىق قىلغان لوپ ناھىيىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نامرات دېھقان ئۆزىنىڭ 5 جانلىق ئائىلىسىنىڭ بۇ بىر يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ مىڭ سوم ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

لوپتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرنىڭ بايانىدىن بولسا، ھۆكۈمەت كادىرى بولغان ئەر،خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايلىق مائاشى بولسا بۇ نامرات دېھقاننىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

يېقىندا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىدا تەكلىپ قىلىنغان مۇھەممەت توختى نامراتلىقتىن يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ، نامراتلىقنى يۆلەشنىڭ ئېنىق سىياسىتى ۋە مۇقىم قاراتمىلىق مەبلىغى بار بولسىمۇ، بۇ مەبلەغلەرنىڭ جايىدا ئىشلىتىلىشى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ «تۆۋەنگە چۈشكەن مەبلەغنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنى، قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە يۇقىرىنىڭ قاتتىق بەلگىلىمىسى بار، بۇ مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ئورنىغا باردىمۇ، ئەمەلىلەشتىمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈلدىمۇ ‏-كۆرۈلمىدىمۇ، بۇلارنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. نازارەتچىلىك بولمىغاندا سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە قېيىش يۈز بېرىدۇ…» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

دەرۋەقە، ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئاساسىي قاتلاملاردىكى بەزى كادىرلارنىڭ ھەتتا نامراتلىق مەبلەغلىرىدىنمۇ ئۆز مەيلىچە پايدىلانغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، پارىخورلۇق سەۋەبلىك جازالانغان كادىرلىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان، ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ۋەزىيىتى ئەڭ سەزگۈر بىر رايون بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەردىكى يۇقىرى قاتلام خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا «پارىخورلۇق»، «چىرىكلىك» ۋە «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشلىرى بىلەن جازالانغانلار ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋىلايەت بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.

خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇانىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خوتەندە ئۆتكەن يىلى قانۇنسىز ھالدا دېھقانلاردىن مۇقىملىق، قوغدىنىش ھەققى يىغىشقا باشلىغان، دېھقانلارنى كۈچلۈك نارازى قىلغان بۇ خىل قوغدىنىش پۇلى يىغىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز سېلىق داۋام قىلغان دەۋر، چېن يۇەنخۇانىڭ خوتەندە دەۋر سۈرگەن پەيتلىرى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى لوپ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان ئىكەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ جىنبياۋ بىلەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى خۇ جۈن يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى شېن يىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھېلىھەم لوپتا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان كادىرمۇ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش جەھەتتە نامراتلىق مەبلىغىنى ئىشلىتىشنىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن -ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، ياخشى ئىشلەنگەن -ئىشلەنمىگەنلىكىنى پۇقرالار ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، ئاممىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. نامرات خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ، توغرا ئۇسۇلدا كونكرېتنى پىلان ۋە تەدبىر بويىچە يۆلەش لازىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەنە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھېسسىياتى بار بولسىمۇ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىۋاتقان بولسىمۇ «مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم » ئورۇنغا قويۇلغانلىقتىن،ئاممىنىڭ ئەرز -تەلەپلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە گەرچە مۇقىملىق مۇھىم خىزمەت بولسىمۇ، كۈچنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 35 نامرات ناھىيىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. پىلاندا كۆرسىتىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىلا 1077 نامرات كەنت، 703 مىڭ 500 نامرات نوپۇس بار بولۇپ، پۈتۈن رايوندىكى نامرات نوپۇسنىڭ 27% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*