رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم 1-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، بىر نەچچە نەپەر مەجلىس ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە دۇچ كېلىۋاتقان كونكرېتنى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۆھبەت داۋامىدا، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى رورا باكىر ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىش، قانۇن لايىھەسى چىقىرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى كىرىستوفىر سىمىت قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار، رابىيە قادىر خانىمنىڭ  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەھرىرى ئىلتەبىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆزبىتى ئارقىلىق يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدا بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*