گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

ھۇجۇمچىلار گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ ۋە ئېتىزىدىن قايتىپ ئېلىپ بارغان

ئاشكارىلىنىشىچە، 14 ‏- فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ئۆمەر ئابدۇراخمان، مەمتىمىن ئابدۇراخمان ۋە ئەخمەت ئېلى قاتارلىق 3 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىن 2 سائەت بۇرۇن پارنىكقا سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئېتىزلىققا بارغان ئۆمەر ئابدۇراخمان ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئېتىز بېشىدىن قايتقان. ئۇ، بۇ ئەھۋالنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان دوستى ئەخمەت ئەلىگە بىلدۈرگەن. ئەخمەت ئېلى بىلىكىدىكى ئوكۇلنى يۇلۇپ تاشلاپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە يەنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان پۇرسەتتە بۇ 3 سەپداش موتسىكلىت بىلەن گۇما بازىرىدا پەيدا بولۇپ، مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا باج ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ۋە ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ ئايالى قاتارلىق 6 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلگەن. ھۇجۇمچىلار نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، بىر كۈن ئاۋۋال يېڭى بازار كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز توپلىشىپ ناماز ئوقۇشى، بۇ ئىبادەتنى كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قوپاللىق بىلەن توسۇشى ۋە ساقچى چاقىرىپ كېلىشى سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئەتىكى پروگراممىمىزدا بېرىلىدۇ.

ھۇجۇمغا ئائىلىدە توپلىنىپ ناماز ئوقۇشنىڭ توسۇلۇشى تۈرتكە بولغان

بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن بىر كۈن ئاۋۋال، ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى يېڭى بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسىدىكى 8 كىشىنىڭ توپلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، گۇرۇپپا بۇ ئائىلىدىكىلەرنى قىلمىشى ئۈچۈن سوراق قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇلارنى بازارلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا بىرقانچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق قويۇپ بەرگەن. مەزكۇر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن ئۆمەر ئابدۇراخمان (25) بىلەن مەمتىمىن ئابدۇراخمان (21) ئەتىسى ساقچىخانىغا رەسمىي چاقىرتىلغان. ئۆمرىنىڭ تۈرمىدە خورايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئاكا-ئۇكىلار دوستى ئەخمەت ئەلى (21) بىلەن بىرلىكتە، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈشتىن ئاۋۋال گۇما بازىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن باشقا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇم ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان، قوزغىلىشقا خىتاي ساقچى ۋە كادىرلىرىنىڭ ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسىدە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان چاغدىكى زوراۋانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللارچە كېسىلىش ئېھتىمالى سەۋەب بولغان.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*