دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە تۈرك تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر ئانا تىل مەسىلىسىگە ئورۇن بەردى

21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى تۈركىيەدىكى TV1 تېلېۋىزىيىسى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىكى «رەڭلىك ساباھلار» ماۋزۇلۇق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى. ئايچا گۈلدەن شەنلەر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ تۋ پروگراممىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «رەڭلىك ساباھلار» ماۋزۇلۇق پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى ئايچا گۈلدەن شەنلەر خانىم، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

ئايچا گۈلدەن شەنلەر خانىم بۈگۈن 21-فېۋرال كۈنى بىر سائەتلىك پروگراممىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىگە ئايرىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ پروگراممىمىز كۈلتۈر، سەنئەت، ساياھەت ۋە تارىخىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پروگراممىمىزدا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىمۇ توختىلىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، بۇلارنىڭ ئۆز تىلىغا، دىنىگە، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز. بۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بەردۇق. ئۇيغۇرلار، قەدىمىي تارىخقا، مەدەنىيەتكە ئىگە بىر تۈرك قوۋمى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار بېسىم ئاستىدا، تىللىرى ۋە دىنلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بىز بۇلارنى تۈرك خەلقىگە تونۇتۇش ئۈچۈن بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بەردۇق.»

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن چىققان پروگراممىدا 21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ چەكلىنىشى مەسىلىسىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىملار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«رەڭلىك ساباھلار» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئايچا گۈلدەن شەنلەر خانىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر دائىم قارشى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغاندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 19-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7‏-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقتىدا ئانا تىل پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلاتقان تۈركىيە ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، 21-فېۋرال كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

2007-يىلى 16-ماي كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلغان ئانا تىلنى قوغداش يىغىنىدا يەنە، ب د ت غا ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئېلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*