دائىرىلەر ئۇيغۇر ئىلىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى 19‏-فېۋرال يىغىن چاقىرىپ، ئوبلاست تەۋەلىكىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چوڭ تىپلىق ماتورلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىگە «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بايىنغولىن ئوبلاستىدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېقىندا كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭەيتىلىدىكەن.

مەزكۇر سىستېما 20‏-فېۋرالدىن باشلاپ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ  بىلدۈرۈشىچە، بايىنغولىن تەۋەسىدىكى بارلىق چوڭ تىپلىق ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ بۇ يىل 1‏-ئىيۇلدىن بۇرۇن مەزكۇر سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تارىم قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، مەزكۇر سىستېمىنىڭ 20‏-فېۋرالدىن باشلاپ ئاپتوموبىللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ: «بۇ تارىم قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى. سىزنىڭ قانداق ئىشىڭىز بار؟ بېيدۇنى دەمسىز؟ سىز بۇنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى سوراۋاتامسىز؟ بۈگۈندىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. قەرەلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى ئوخشىمىغان بولسا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ. كىچىك ئاپتوموبىل، چوڭ تىپلىق ماتورلۇق قاتناش، ئاپتوبۇس، شەخسى كىچىك ماشىنىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋاقتى پەرقلىنىدۇ. كونكرېت ئەھۋالىنى ماتورلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىغا بېرىپ سوراڭ» دېدى.

بايىنغولىندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق مەسىلىسىگە چېتىشلىقكەن. بايىنغولىن «قاتناش ساقچىسى» تورىنىڭ خەۋىرىدە، «يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئاپتوموبىل تېررورچىلارنىڭ لاۋازىمەت توشۇيدىغان ئاساسلىق قورالى. خۇسۇسەن، ئاپتوموبىل ئۇلارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ھۇجۇم قىلىش قورالى بولۇپ كەلدى» دېيىلگەن.

بايىنغولىننىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر قاتناش خادىمى، بۇ سىستېمىنىڭ مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىشقىلىپ بۇ نەرسە ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەققى ئاپتوموبىللارنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ بولىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقسىز بولسا كېرەك. كونكرېت ئەھۋالىنى تازا بىلىپ كەتمىدىم. ئىشقىلىپ ھەر ئايدا 90 سوم مۇلازىمەت ھەققى تۆلەيدۇ. بىزنىڭ ناھىيە بۇنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى پات ئارىدا ئۇقتۇرىدۇ. كونكرېت قانداق بولىدۇ، تېخى بېكىتىلمىدى. لېكىن بۇنداق ئۇقتۇرۇش ھەقىقەتەن بار. بۇ مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە مەجبۇرىي خاراكتېرلىك نەرسە. چۈنكى، ئۇنىڭ مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 14‏-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، «تېررورچىلار»غا قاتتىق زەربە بېرىشكە قەسەم قىلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سىستېما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوموبىل ۋە باشقا قاتناش ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۈرۈشكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى قانۇنلارنى چىقىرىپ كەلدى. مەسىلەن، ساقاللىق بالىلارغا بېنزىن سېتىپ بەرمەسلىك. 10 كىلومېتىردىن ئۇزۇن يول ماڭسا بېنزىننى ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارتۇق بېنزىن ئېلىشنى چەكلەش دېگەندەك. ئۇنداق مەسىلىلەر ھەممىسى ئېغىر. ئەمدى قوپۇپ بۇنداق بىر سىستېمىنى قۇرۇشنىڭ ئۆزى دېمەك، ماشىنىنىڭ نومۇرى ئارقىلىق بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكى، بۇ ماشىنىنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەممىسىنى قۇلاي نارازەت ئاستىغا ئېلىش. بۇنىڭ نىشانى ئاساسەن بىزنىڭ مىللەتكە قارىتىلغان.»

دىلشات رىشىت يەنە، بۇ، ئاپتوموبىلىغا بۇ خىل سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردا بىر خىل روھىي بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بېسىم سەۋەبىدىن بىر ئىنساننىڭ بىر يەرگە بېرىش-بارماسلىقى دەككە -دۈككىدە ئۆتىدۇ، ئەمدى. ئۇنىڭ نېمە مەسىلىلەرگە ئۇچراپ قېلىشىنى بىلگىنى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىنسان كوچىغا چىقسا، نەچچە قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ماشىنىغا بۇنداق سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئېغىر روھىي زەربە بولىدۇ. ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمدە چوقۇم، مېنىڭ ماشىنام كونترول ئاستىدا، دەيدىغان بىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ نورمال بىر ئىنساننىڭ نورمال كۈندىلىك ھەرىكىتىگە ئېغىر بېسىم» دېدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ تورىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سىستېما دائىرىلەر كۆرسىتىپ بەرگەن ماتورلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتلىرىدا بىر تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى «شىنجاڭ سىزېڭ ئېلېكترونلۇق تېخنىكا» ناملىق بىر كىچىك شىركەت ھۆددىگە ئالغان. بۇ سىستېما ئاپتوموبىللارغا ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ، ئەمما ھەر بىر ئاپتوموبىل ئايدا 90 سوم مۇلازىمەت ھەققىدە تۆلەيدىكەن.

بۇ سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان ياكى يىللىق مۇلازىمەت پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىگەن ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە يول قويۇلمايدىكەن. خىتاي ئاخبارات خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان ياكى يىللىق مۇلازىمەت پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىگەن ئاپتوموبىللارغا يىللىق تەكشۈرۈش رۇخسىتى ۋە بېنزىن سېتىپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*