ئۇيغۇر ۋەكىللىرى «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا

شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنى باشلاندى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ب د ت ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەسئۇل خادىمى كېرەم شېرىپلار بۇ يىغىنغا قاتناشتى.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىنىڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالىدا باشلانغان «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىنى د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى، ئەدلىيە مىنىستىرلىرى، ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ب د ت ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەسئۇل خادىمى، سابىق دىپلومات كېرەم شېرىپ ئەپەندىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ۋە كېرەم شېرىپلارنىڭ بۈگۈن ب د ت مەركىزىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى»ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق قاتارلىق 25 خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ب د ت نامىدىن رەھمەتلەر بىلدۈرۈلگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ يىغىن توغرىسىدا ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىنغا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن سىرت يەنە، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ قۇربانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ شاھىتلىرى، قۇل قىلىنغان ئۆسمۈرلەر قاتارلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچى شەخسلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، مەزكۇر يىغىننىڭ 1-كۈنىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى دىققىتىمىزگە سۇنۇش بىلەن بىرگە، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ب د ت دا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلەردىنمۇ مەلۇمات بەرگەن.

د ئۇ ق نىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەسئۇل خادىمى، سابىق دىپلومات كېرەم شېرىپ ئەپەندىمۇ زىيارەت قوبۇل قىلىپ، ب د ت دىكى يىغىن ھەمدە پائالىيەتلەردىن ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

مەلۇمكى، «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنى 2008-يىلىدىن بۇيان ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن ھەر يىلى 3-ئايدا باشلىنىدىغان، يىلدا 3 قېتىم قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك داۋام قىلىشى ھەمدە خەلقئارادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدىن بېسىشقا تېگىشلىك تەييارلىق قەدىمى بولۇپ قالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ب د ت نىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*