كۇچانىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ۋەھىمىلىك ھالدا داۋام قىلماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ سوت قوشنا كەنتلەردە ئېغىر دەرىجىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئۇزۇن بازىرىنىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر كەنت ساقچىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ مەسىلە تاپشۇرغان. بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپىتالىست، سىياسىي جەھەتتىن بولسا سوتسىيالىستتىن ئىبارەت ئاچىماق يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ئاچىماق يولنىڭ يېقىن كېلەچەكتە خىتاي تەرەپ ئۈچۈن ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ خېلى كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋام قىلماقتا. ئەمما، ھەرىكەتنىڭ ھەيۋىسى ۋە تەسىرى ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئوخشاش ئەمەس. بىر كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوچۇق سوت، مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق كەنتلەردە ئېچىلماقتا. تۈنۈگۈن ئۇزۇن بازىرىنىڭ بوستان كەنتىدە ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا 7 كىشى جازالانغاندىن كېيىن، بۈگۈن سېغىز سۆگەت كەنتىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر كەنت ساقچىسىنى ئىزدىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش مەسىلىلىرىنى تاپشۇرغان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەسىلە تاپشۇرۇشنىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدە نىسبەتەن ۋەھىمىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن كۇچانىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋەھىمىلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىزنى ئاڭلايسىلەر.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*