دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى پەيشەنبە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئىستانبۇل ۋالىيلىقى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ مۇھىم رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. زىيارەت جەريانىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، تەكلىپ بەردى، ئىلتىماس سۇندى.

بۇ ھەيئەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندى، باش كاتىپ دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىلەرمۇ بىرلىكتە قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى ئالدى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالاھىتتىن كۆچ ئارسلان بىلەن باش كاتىپى مۇرات كوترا ئەپەندىلەر، «ئۆز ئۆيىڭىزگە خوش كەلدىڭىز» دەپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.

2 سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. ھەيئەت كېيىن يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىگە زىيارەتكە باردى. بۇ زىيارەتتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى دوكتور سېلىم دەمىرجى ئەپەندى كۈتۈۋالدى.

دوكتور سېلىم دەمىرجى ئەپەندى ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئۈمىد ھامىت ئەپەندى ۋە دوكتور ئۆمەر قۇل، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ۋە خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە بىر-بىرلەپ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈش، ئىقامەت ئېلىش، خىزمەت تېپىش، پەرزەنتلەرنى مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش، ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداش، ئۆي ئىجارە ئىلىش دېگەندەك ساھەلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دوكتور سەلىم دەمىرجى بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر مەلۇمات يېزىپ بېرىشنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەت كېيىن يەنە، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇچرىشىش ۋاقتى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى جامالىددىن ئۆزدېمىر ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى.

مۇئاۋىن ۋالىي جامالىددىن ئۆز دېمىر ئەپەندى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ كۆڭۈل قويۇپ كەلگەنلىكىنى، ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپلىگەن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملارنى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەرد ئەلەملىرى دەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ۋەكىللەر سەمىمىي سۆھبەت ئاخىرىدا، ۋالىيغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى جۈپ ھالەتتە ياسالغان ئۈستەل بايرىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يېزىلغان بىر قانچە پارچە كىتاب-ژۇرنال ھەدىيە قىلدى.

ئۇيغۇر ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا يەنە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى باش كاتىپى مۇرات كوترا ئەپەندىگە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى دوكتور سەلىم دەمىرجى ئەپەندىلەرگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى جۈپ ھالەتتە ياسالغان ئۈستەل بايرىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يېزىلغان بىر قانچە پارچە كىتاب-ژۇرنال ھەدىيە قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

بىز بۇ زىيارەتلەر توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ۋەكىلى شۇنداقلا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ئابدۇرېشىت سامساق ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۈمىد خەمىت ئەپەندى، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ھال سوراش، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى بىلىش شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى چىڭىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلار زىيارەتنىڭ كۈتكىنىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيە رادىئوسى

Leave a Comment

*

*