د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرى 24-يانۋار پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.

24-يانۋار د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى كۆپ ھەم زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما ياردەمچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئەزاسى لۇسىيا ھەمدە قۇرۇلتاي تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ بىر كۈندە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆزىگە لايىق مۇھىم ۋەزىپىلىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتتا قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارارلار قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولغان ھەمدە ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللىغان كىشىلەر ئىدى. مەسىلەن: ئۇلارنى سائەت 11:00-12:00 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت ئىجتىمائىي ئەركىنلىك، ئادالەت ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پال چاكي ئەپەندى قوبۇل قىلدى. سائەت 12:30-13:30 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى (مىللەت ۋەكىلى)، تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى توماس مان ئەپەندى قوبۇل قىلدى.

سائەت 14:00-15:00 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دىئالوگ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سىتېفان ئەكنىڭ ياردەمچىسى ئالېكساندىرا خانىم قوبۇل قىلدى.

سائەت 15:30-16:30 ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى سىكوت كاتۇ خانىم ھەم ئۇنىڭ ياردەمچىسى، سائەت 17:00-18:00 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى لازلو تۆكەش، سائەت 18:00-18:30 ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، ئىتالىيە گۇرۇھىنىڭ رەئىسى پوگلىزې قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىقى ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسىدە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەردى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونكرېت تېمىلار بولسا؛ ئىلھام توختى مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ، دىنىي باستۇرۇش ۋە مەسچىت چېقىش، پاسپورت يىغىۋېلىش، خىتاي-ئۇيغۇر مەجبۇرى تۇغقانچىلىق سىياسىتى، ئۈچ خىل كۈچلەر مەسىلىسى ۋە ھەممە يەردە ئەۋجى ئالغان ساقچى تېررورى قاتارلىقلار بولدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشتا بولغان بارلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىدىغانلىقنى، خىتايغا قارىتا ئۈنۈملۈك بىر بېسىم يوللىرىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ياخشى قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ تامامەن نەتىجىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە مۇھىم بولغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەردە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

24-يانۋاردىكى سۆھبەت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دا باشلىنىپ، كەچقۇرۇن سائەت 18:00 دە ئاخىرلاشتى. بىراق ياۋروپا پارلامېنتى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن مىللەت ۋەكىللىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ھەم ئارىدا بولغان سۆھبەت مەزمۇنىنى تولۇق ئاشكارىلاش ئىمكانىمىز بولمىدى. د ئۇ ق پروگرامما ياردەمچىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىزمەتچىسى لۇسىيا خانىممۇ بۈگۈنكى زىيارەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ، كۆرۈشكەن ھەربىر مىللەت ۋەكىلىنىڭ جاۋابلىرىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ئۇچرىشىش بەك ياخشى كېتىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىمىز تېخى كۆپ، بۇلارنى قەدەممۇ-قەدەم تاماملايمىز. لېكىن، ئۇچرىشىشنىڭ ئۈنۈمى بارغانچە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىمۇ بىزگە بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك دىققەت بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز 4 كۈن ئىچىدە ئۇلار بىلەن 18 قېتىم كۆرۈشىمىز.»

24-يانۋار د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردۇق. بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدىن مەلۇمات بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*