غۇلجىدا 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا نامەلۇم بىر كىشىدىن كەلگەن مەكتۇپتا «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى» دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ مەكتۇپتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىپ، كونكرېت قىلىپ يەنە مۇنداق ئۇچۇرلار بېرىلگەن «2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئايدۆڭ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆيىنى قازانچى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ئاختۇرۇش داۋامىدا، ئۆيدىكى تاماق يېگەن قاچا-قۇمۇشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆيىنى كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە تەربىيىلىنىۋاتقان 10دىن ئارتۇق بالا پاش بولۇپ قالغان. خىتاي ساقچىلار ئىمامنى ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ قازانچى ساقچىخانىسىغا ئاپىرىپ سولىغان. سوراقتىن كېيىن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلار بولۇپ 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. غۇلجا شەھىرىدىكى پۈتۈن يەر ئاستى ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان.»

بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، دائىرىلەرنىڭ بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىگە دائىر ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسى بىلەن ئالاقە قىلدۇق، مەسئۇل ساقچىدىن بىرى تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقى، مەلۇمات ئېلىشىمىز ئۈچۈن غۇلجىغا بېرىشىمىز ياكى شەھەرلىك ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بىز غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق، گەرچە ئۇ زىيارىتىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئايدۆڭ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆيىدە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى باش ئەترىتىگە تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىز 24-يانۋار شۇ جاي ۋاقتى يېرىم كېچە بولغان بولسىمۇ، يانداش ئاۋازلاردىن ساقچىلارنىڭ ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەتتە ئىكەنلىكى بىلىندى.

بىز يەنە ئايدۆڭ مەسچىتى جايلاشقان مەھەللىدىن ئۇچۇر ئېلىشقىمۇ تىرىشتۇق، ئەمما تېلېفون ئۇلانغان ئۇيغۇرلارمۇ زىيارىتىمىزنى «مەن بىلمەيمەن» دەپ كەسكىن رەت قىلدى.

شەھەرلىك ساقچىنىڭ خادىمىمۇ ئايدۆڭدىكى تۇتقۇنغا شەھەرلىك ساقچى ئەمەس، بەلكى قازانچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قازانچى ساقچىخانىغا ئۇلاپ بەردى.

ئەمما، قازانچى ساقچىخانىنىڭ باش ئاپپاراتىدىكى خادىم دېلوغا مەخسۇس دېلو ئېنىقلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتمىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن، گەرچە ئايدۆڭدىكى بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتى ھازىرچە سۇ يۈزىگە چىقمىغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ رايوندا بۇ خىلدىكى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرنى باستۇرۇش ھەمدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى ھەرىكەتلىرى يېڭى ۋەقە ئەمەس. مۇخبىرىمىزنىڭ 2014-يىلى 15-دېكابىر سايباغ قانلىق توقۇنۇشىغا باغلىنىشلىق دەپ قارالغان، بۇلاقسۇدىكى بىر ساقچى خادىمىدىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپنىڭ بايقىلىش ۋە تاقىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى سوراق قىلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. يىگىرمە نەچچە بالىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ساقچىلار تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، سايباغدىكى ئىسلام ئىسمائىل جەمەتىنىڭ پېيىغا چۈشكەن چېغىدا، مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

رادىئوغا يېقىندا كەلگەن بىر ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 2012-يىلى 9-ئايدا خوتەننىڭ لاسكۇي بازىرى بوستان كەنتى 2-مەھەللىدىن بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 35 ياشلىق ئابلىكىم ساۋۇتنى ئېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەكتۇپ ئارقىلىق بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك قاتتىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدىكى رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن بىر تۈركۈم پىداكار دىنىي زىيالىيلار ئۆسمۈر-بالىلارنى تەربىيىلەشنى ئۆز ئۆيلىرىدە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنداقلا دائىرىلەر توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىب قىلىشلىرى، تۇيۇقسىز قاتتىق باستۇرۇشلىرى داۋامىدا بەزىلىرى قانلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۈرلارنى توغرا ۋە ساغلام ئىسلام  دىنىي تەلىملەرنى ئېلىشتىن توسۇش ھەرىكەتلىرى، ئەمەليەتتە ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ھەم خەتەرلىك رادىكال ئىدىيىلەرنى ئىگىلىشىگە يول ئېچىپلا قالماي، تېخىمۇ زور كۆلەملىك شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، مەسچىتلەرگە كىرىشى قانۇنسىز قىلمىش دەپ بېكىتىلىپ، يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق چەكلىنىپ كېلىنگەن بولسا، بۇلتۇر نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان يېڭى بەلگىلىمىدە يەنىمۇ كونكرېت ھالدا، مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا دىنىي تەربىيە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنى دىنىي تەربىيەگە قىزىقتۇرغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق چەكلەش چارىلىرى بەلگىلەندى.

بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*