يەرلىك دائىرىلەر 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بارات مەتتوختىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

بارات مەتتوختىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتىغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ھېچكىم قاتناشتۇرۇلمىغان. دائىرىلەر پەقەت ئۇنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن، خالاس. بۇ دېلودا ئۇنىڭ كونكرېت قانداق «جىنايەت» بىلەن سوتلانغانلىقى، تېلېفونىغا قانداق دىنىي مەزمۇنلار قاچىلانغانلىقى ياكى كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.

كۆكيار يېزىسىنىڭ مەزكۇر دېلودىن خەۋەردار بىر كادىرى، بارات مەتتوختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

كادىر: مەتتوختى قادىر (نىڭ) بالىسى ئاشۇ دومىكادا كىركەتكەن. ھەئە، كېسىلىپ كەتكەن. بالىسى ھازىر ئۈرۈمچىدە، 9 يىل كېسىلگەن. )ئىسمى( بارات مەتتوختى.

مۇخبىر: ئۇ بالىغا قانچە يىل بولدى، ھازىر، چىقىدىغانغا قانچىلىك قالدى، دادىسى بەك ئېغىر كېسەل دەيدۇ؟ ئۇ نېمە بولۇپ كىرىپ كەتتى؟
كادىر: يىل بولدى. ئاشۇ دومىكادا بىر نېمە كۆرەپتىمىكى، دەيدۇ. ھەئە تېلېفونىدا بىر نېمە چىقىپ قالغان چېغى. 9 يىل كېسىلدى. ئۈرۈمچىدە بولغان ئىشكەن مانا. ماۋۇ ھۆكۈمنامىلىرىنى ئەكېلىپ بېرىپ قىلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۆزى ئۆزگىرىپ چىقا بالا، دەپ مۇشۇنداق قالدى، ئاتا-ئانىسى.

مۇخبىر: قانداق دەي چىقىپتىكەن، ئۇ نېمە دەي ساقلاپتىكەن؟ ھۆكۈمنامىنى سىز كۆردىڭىزما؟
كادىر: ئۇنى ئۇقمىدۇق بىز. ھۆكۈمنامىنى مەن كۆرمىدىم. ھەئە، 2015‏-يىلى تۇتۇلدىغۇ دەيمەن. (دادىسى) ئېغىر كېسەل ئۇ، ئانىسى پالەچ بولۇپ قېلىغلىق، دادىسى ساناتورىيەگە ئېلىپ چىقىپ قوياغلىق. بىر ئاكىسى بار، ئۇ ئۆيدە ھازىر. توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى، بىر بالىسى بار، نان ياقىدۇ.

مۇخبىر: بارات مەتتوختىچۇ، توي قىلغانمۇ، بالىسى بارمىدى، نەچچە ياشلاردا بار ئىدى؟
كادىر: توي قىلمىغان. بۇمۇ شۇ 24 ياشلاردا بار ئىدى.

مۇخبىر: مەتتوختى قادىرنىڭ ئايالىغا كىم قاراۋاتىدۇ، ئۇ پالەچ بولۇپ قالغان بولسا؟
كادىر: ئۇنىڭغا ئاشۇ بىر تۇغقىنى قاراۋاتىدۇ. (مەتتوختى قادىر)نى قېرىپ قالغاندىن كېيىن ساناتورىيەگە ئېلىپ چىقىپ قويدۇق. ئۇ يەردە تامىقىنى ئېتىپ بېرىدۇ، دەپ، ئۆزى كېسەلچان ئىدى.

مەزكۇر يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ يېزىدىكى بارلىق دېھقانلارغا كاپالەتنامە ئىمزالاتقان.
كادىر: 2017‏-يىلى كادىرلارنى ھەربىر شاۋدۈيگە چۈشۈردۇق. ھەر بىر شاۋدۈيگە 3-4 تىن چۈشتى. دادۈيلەرگە ئاشۇلارنى ھۆددە بەردۇق ئەزالارنى. شاۋدۈيگە ئەزالارنى ھۆددىگە بېرىپ، مەھەللىلەرنى ژىغىپ، 4 چاسىغا ئېلىپ مانا مۇشۇلارنى قىلدۇق. ئاندىن ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تەربىيە بېرىش مۇنداق ئىشلارنى قىلدۇق. ماۋۇ بايراق چىقىرىشقا كىرىپ، لېكسىيە، پائالىيەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، قانۇنسىز ئىشلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن تەربىيە كۇرسلىرىنى ئېچىپ. ئەزالار بىلەن كاپالەتنامە تۈزۈپ، بىرنى ئەكەلدۇق، بىرنى ئۆيىگە چاپلىدۇق. دېھقانلارنىڭ ئىشىكىگە ئەينا. دېھقانلار ئوقۇپ ئۆزىنىڭ قولىنى بېسىپ، ماۋۇ بولىدىكەن، ماۋۇ بولىدىكەن، ماۋۇنى قىلساق گۇناھكەن، ماۋۇنى قىلساق ياخشى ئىشكەن، دەپ، شۇلارنى قىلدۇق.

مۇخبىر: بۇ كاپالەتنامىدە نېمىلەر بار كونكرېت؟
كادىر: كونكرېت سىرتتىن ئادەم كەلسە مەلۇم قىلىش، ئۆيدە قانۇنسىز نەرسە ساقلىماسلىق، بالىلارنى يەر ئاستى دىنىي ئوقۇشتا ئوقۇتماسلىق. قانۇنسىز چېگرا سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىك، ھىجرەتكە. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتلىرىنى يېزىپ قويدۇق. مۇنداق، مۇنداق ئىشلاردىن پايدىلىنىسىز، مۇنداق، مۇنداق قىلىسىز، پارتىيە مۇنداق،مۇنداق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ، ئۇلارنى قىلدۇق. ماۋۇ كاپالەتنامىنى دادۈيدە ئوقۇپ بەردۇق بىر قېتىم. ماس كېلىدىغانلىرى، كەلمەيدىغانلىرى بارمىكەن. بولامدىكەن، بولىدىكەن، دەپ. ھەئە، بولسا مۇنداق، مۇنداق ئىش چىقارسىڭىز، ئۆزىڭىز ئىگە، ئاشۇنداق تۈزدۇق.

بەزى تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى بۇنداق قاتتىق كونترول قىلىشى، ئۇيغۇرلاردا بىر خىل قورقۇش، چۆچۈش كەيپىياتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۇنيا ھازىر گىلوبال، دەيمىز، يەنى يەر شارىلاشتى. بۇ ئىنفورماتسىيە، ئىنتېرنېت، دېگەنلەرنى چەكلىگىلى بولمايدۇ. بۇ نەرسە جەمئىيەتنى ناھايىتى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىجابىي رولى ناھايىتى جىق. ئەلۋەتتە بۇ ياشلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە ئىنتىلىۋاتقان بىر ساھە. بۇنىڭدىمۇ ئەگەر مۇشۇ تېلېفونلاشقان بىلەن، ئالاقىلەشكەن بىلەن سەن تۇتتۇڭ، دەپ كېسىۋەتسە، بۇ خەلق ئىچىدە چوڭ نارازىلىق قوزغايدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىر خىل قورقۇش، چۆچۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.»

قاھار بارات يەنە، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرى ئۆز ئالدىغا يەرلىك ئۆلچەم بېكىتىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز جازالىماقتىكەن.

قاھار بارات: «گەرچە چېن چۈەنگو تىنچلاندۇرىمىز، ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز، خاتىرجەم قىلىمىز، دېگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەدلىيە، ساقچى ساھەلىرى ھېچقانداق قانۇندا يېزىلمىغان ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنى كەلسە‏-كەلمەس سولاۋاتىدۇ. مۇشۇ ھۆكۈمنامىنىڭ ئۆزىنى چېن چۈەنگونىڭ ئىشخانىسىغا قويۇپ قويۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئاغزىدا دەۋاتقىنى نېمە، ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقىنى نېمە. ھازىر ئۇيغۇرلارغا كەلگەن بېسىم قاتلاممۇ-قاتلام بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئەمەس، ھەر قايسى رايونلار، ھەر قايسى دەرىجىدە ئۆز ئالدىغا ئىشلارنى مۇشۇنداق قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن چېن چۈەنگو دېگەن بۇ ئادەم كۆزىنى ئۇيغۇرلارغىلا تىكىپ قالماي، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئامانلىق ساقلاش، ئەدلىيە- قانۇن سىستېمىسىغىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىلگىرى تور باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، توردا «خاتا ئۇچۇر» تارقاتقان شەخسلەرنى جازالاشنى كۈچەيتكەن. ئەمما مەزكۇر بەلگىلىمە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئۇلار، بۇ بەلگىلىمە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قۇرۇق تۆھمەتلەر بىلەن ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*