تېررورىست ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ بىر پاي ئوقمۇ ئېتىلماستىن قولغا چۈشۈرۈلۈش جەريانى

ساقچىلار تېررورچىنىڭ ئەسەنيۇرتتىكى يوشۇرۇنغان ئۆيىنى 3 كۈن بۇرۇنلا قورشاۋغا ئالغان ئىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا يېڭى يىل كېچىسى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورىست ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ، ئەسەنيۇرتتا بىر پاي ئوقمۇ ئېتىلماستىن 20 مىنۇت ئىچىدىلا قولغا چۈشۈرۈلدى.

ساقچىلار قاتىلنى سوراق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ جەرياندا پىلانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ساقچىلار تېررورچىنىڭ ئەسەنيۇرتتىكى يوشۇرۇنغان ئۆيىنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىنىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى قورشاۋغا ئالغان ئىدى.

ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى مۇستافا چالىشكان قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى كەچ سائەت 22:00 دە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش شۆبە ئەترەتلىرى بىلەن  جىددىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ساقچىلارغا «نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورچى ساق-سالامەت قولغا چۈشۈرۈلۈشى لازىم» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئالاھىدە ئەترەت بىر سائەت كېيىن، ئەسەنيۇرتتىكى بەلگلەنگەن ئادرېسقا يېتىپ باردى ۋە سائەت 23:25 ئۆتكەندە ھەرىكەت باشلانغان بولدى.

سائەت 23:40 ئۆتكەندە ساقچىلار ئىشىكنى سۇندۇرۇپ ئۆيگە بېسىپ كىردى. كارۋاتتا قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورچى دەسلەپتە «سىلەر ئىزدىگەن ئادەم مەن ئەمەس» دەپ تۇرۇۋالدى. بىراق، يۈزىدىكى مەڭ ۋە يارا ئىزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. تېررورچى دەل شۇ پەيتتە ساقچىلارغا مۇشت ئېتىپ، قورالغا يۈگۈردى. ساقچىلار تېررورچىنى تۇتۇپ يەرگە ياتقۇزۇپ، قىمىر قىلالماس ھالغا كەلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، تېررورچى بىر پاي ئوقمۇ ئېتىلماستىن، 20 مېنۇت ئىچىدىلا قولغا چۈشۈرۈلگەن بولدى.

ئۆينى ئىجارىگە ئالغان ئۆزى ئىراقلىق دائېشقا ئەزا تېررورچى بىلەن 3 چەتئەللىك ئايالمۇ ئۆيدە قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئائىلە قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، قېچىپ كېتىشنى پىلانلىغانلىقلىرى ۋە ساختا پاسپورت كۈتۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن تۈنۈگۈن (17-يانۋار) ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى مۇستافا چالىشكان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 7200 سائەتلىك كامېرا ئارخىپلىرى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئالاھىدە قىسىم بىلەن بىرلىكتە 2000 ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئېيتتى.

كونيا، ھاتاي، ئىزمىر ۋە ئىستانبۇلدا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاسىپ شاھىن: «ساقچىلىرىمىز ئىنتايىن جىددىي ھەرىكەت قىلدى. ھەرىكەت جەريانىدا جەمئىي 152 ئادرېستا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، 50 كىشى قولغا ئېلىندى، 168 چەتئەللىك تېررورلۇق گۇماندارى ھەققىدە كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا يەتكۈزۈلدى» دېدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن بولدى.

ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدا ھۇجۇمچىنى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈپ كېلىۋاتقان بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتى، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزاسى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا مەركەزلەشتى.

 تېررورىستنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈشى خەلقئارالىق  ئاگېنتلىقلار ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىننىڭ باياناتلىرى «ب ب س»، «س ن ن» ۋە «ئەلجەزىرە» قاتارلىق ئەڭ چوڭ خەۋەر تېلېۋىزىپە قاناللىرىدا ئۇلاپ تارقىتىلدى. ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋە ساقچىلىرىمىز پۈتۈن دۇنياغا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۈلگە بولدى.

ياۋروپالىق ساقچى مەسئۇللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلىرى جەريانىدا پەقەت 2015 – يىلى 13 – نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسىنىلا تۇتالىغان ئىدى. بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۆز يۈرتى مولېنبىك رايونىغا قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ پۇتىغا ئوق ئېتىش ئارقىلىق تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

مەنبە:  تۈركىيە رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى

Leave a Comment

*

*