تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مۇھىم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قەدىمى بېسىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن، بولۇپمۇ 2014- 2015-يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى نەتىجىسىدە، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ ئۇيغۇرلار تاغ، دەريا ۋە دېڭىزلارنى ئېشىپ پاسپورتسىز تۈركىيەگە كەلگەن بولغاچقا، بۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ كۆپ ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنىي تۇرۇش رۇخسىتى، ئىشلەش رۇخسىتى ۋە ھەقسىز داۋالىنىش ئىشلىرىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەت ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان قەيسەرىدىكى قورۇ جايغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسچىتىدە يىغىن چاقىرىپ، بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى. باش مىنىستىرلىقتىن كەلگەن ھەيئەتنى كۈتۈۋالغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھازىردىن تارتىپ سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىدىن سىرت بىر تۈرك پۇقراسى ئىگە بولغان پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قورۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن دىلشات ئىسلام ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقتىن كەلگەن كىشىنىڭ بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇرۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلار كېسەل بولۇپ قالسا شەخسى مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ ھەقسىز ياكى ئەرزانغا داۋالىتىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئەمدى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بىر تۇتاش ھالدا بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق 7 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىر پاسپورتسىز تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي تۇرۇش رۇخسىتى، ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش ۋە ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئەمگەك مىنىستىرى ھەم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*