تۈركىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى قىرغىزىستاندا چۈشۈپ كەتتى

خوڭكوڭدىن بىشكەككە قاراپ يولغا چىققان تۈركىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بىشكەك ئەتراپىدىكى بىر يېزىغا چۈشۈپ كەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بىر يۈك ئايروپىلانىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك ئايرودۇرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

قىرغىزىستان باش مىنىستىر ياردەمچىسى مۇھامبەتكالىي ئەبۇلقازىيېۋ، خوڭكوڭدىن بىشكەككە قاراپ يولغا چىققان تۈركىيە يۈك ئايروپىلانىنىڭ قىرغىزىستان ۋاقتى 7:30 ئەتراپىدا بىشكەك ئەتراپىدىكى بىر يېزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يېزىدىكى قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن ئىككى ئۇچقۇچى بىلەن ئىككى يۈك قاچىلاش خادىمىنىڭ بولسا، تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

قازادا يارىلانغان 6 ئادەم بالنىستقا ئېلىندى.

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يېزىدا 15 بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.

قازادىن كېيىن بىشكەكتىكى خەلقئارا ماناس ئايرودۇرۇمىنىڭ ۋاقىتلىق تاقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خوڭكوڭدىن بىشكەككە قاراپ يولغا چىققان بويىڭ 747 تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ ACT ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى؛ يېقىلغۇ تولۇقلاش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا قونۇشقا تەمشىلىۋاتقاندا ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى چۈشۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

قىرغىزىستانلىق ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ئۇچقۇچىلارنىڭ ھېچقانداق جىددىي ئەھۋال ئۇچۇرى يوللىمىغانلىقىنى، بىراق ئايروپىلان قونۇۋاتقان ئەسنادا كۈچلۈك ئىس – تۇمان بار بولۇپ، كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ 150 مېتىرغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەنبە: تۈركىيە رادىئو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى

 

Leave a Comment

*

*