رابىيە قادىر: زەمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمى- خىتاينىڭ دۆلەت تېررورىنىڭ ئاقىۋىتى

 لاگىر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېكراندا سۆزلەپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پوپمپىيو ۋە سىڭلىسى زۇمرەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھەرىكەتتىن توختىتىشتا نە قەدەر رەزىل يول تۇتۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى. چۈنكى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرگە مەلۇمكى بۈگۈن ئۇيغۇرلار ، چەتئەلدە بولۇۋاتقان ئىشلار ئەمەس، ئۆز مەھەللىسىدە بولۇۋاتقان ئىشلاردىنمۇ خەۋەر تېپىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس؛ تورغا چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى گەپلەرنى ئاڭلاش ئەمەس، ناتونۇش كىشىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىشقىمۇ قادىر ئەمەس. شۇڭا زۇمرەتنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ مايك پومپىيونىڭ خىتايغا قارشى گەپلىرىدىن ۋە زۇمرەتنىڭ ب د ت دىكى سۆزلىرىدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن ئەمەس؛ ھەتتا ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مايك پومىيو دېگەن كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمۇ گۇمانلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىپ پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغىمۇ نېسىپ بولمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بۇ پۇرسەتنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان لاگېرلارغا سولانغان شەرقى تۈركىستاندا زۇمرەتنىڭ ئاكىسىغا بېرىلىشى تېخىمۇ تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان بىر ئىش . دېمەككى خىتاي دائىرىلىرى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى ؟؟؟؟ مەجبۇرى سۆزلەتكەن ۋە ئېكرانغا چىقارغان. ئىشنىڭ ئېچىنىشلىق بىر تەرىپى، بۇ ئېكرانغا چىقىش، شۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن زۇمرەتنىڭ دۇنيادىن ئۇشتۇمتۇت ۋىدالاشقان دادىسىنىڭ ئۆلۈمنىڭمۇ سىرىنى ئېچىپ بەردى. پەرەز قىلالايمىزكى ، مەرھۇممۇ خۇددى زۇمرەتنىڭ ئاكىسىغا ئوخشاشلا، ئۆز قىزىغا ياكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قارشى گەپ قىلىشقا زورلانغان، تەھدىت سېلىنغان ۋە ھەتتا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان؛ شۇڭا زۇمرەت ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا ساق-سالامەت قالغان ۋە ھەتتا ب د ت دا سۆزلەشتىن بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال ساق-سالامەت ئەھۋاللىشىپ تۇرغان دادىسى بۇ زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇڭا مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋە دېگىنىگە كۆنمىسە جېنىغا قەست قىلىشتەك بۇ دۆلەت تېررورىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا يەنە بىر رەت چاقىرىق قىلىمەن. ئاخىرىدا، ۋەتەن-مىللەت خىزمىتى يولىدا دادىسىنى ئايرىلغان زۇمرەت داۋۇت ۋە پۈتۈن ئائىلە تاۋباتىدىن ھال سورايمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*