رابىيە قادىر: خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىدە ئىسلام دىنى «ۋىرۇس» دېيىلگەن، ئىسلام دۇنياسىنى دۈشمىنىنى تونۇشقا چاقىرىمەن

– ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى  باش كاتىۋى يۇسۇف بىن ئاخمەد ئەل ئوتامىنگە ئوچۇق  ئوچۇق مەكتۇپ

ھۆرمەتلىك Dr. Yousef bin Ahmad Al-Othaimeen   ئەپەندى، نېۋ يورك ۋاقتى گېزىتى 19 ‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىدى، بۇ ھۆججەتكە ئەڭ ئالدى بىلەن ئىسلام دۇنياسى ، بولۇپمۇ سىز ۋە IOC غا  ئوخشاش نام ۋە تونۇتۇشلىرىدا ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان شەخس ۋە  تەشكىلاتلار ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ ئەمما بۈگۈنگە قەدەر سىلەردىن  سادا چىقمىدى. ئىسلام ھەمكارالىق تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە مەدھىيە ئوقۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇربان قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىڭلارنى جاكارلاپ بولغان ؛ شۇڭا سىلەرنى مەخپىي ھۆججەتتىن ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىللىقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىڭلار دېمەكچى ئەمەسمەن؛ پەقەت  ھۆججەتتە  شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرزەنلىرىگە،  ئاتا-ئانىلىرىنىڭ  ئىدىيە ۋە روھىي جەھەتتىن كېسەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بۇيرۇلغان ۋە بۇ چۈشەندۈرۈشتە ئوچۇق ھالدا  ئىسلامىي ئېتىقاد » ۋىرۇس» ، «ئۆسمە» » زەھەر» دەپ تەرىپلەنگەن.   بۇ ئىسلامغا  ھاقارەتلىك جۈملىلەر، بۈگۈن دۇنيادىكى  غوللۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بەتلىرىدە ئورۇن ئېلىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق، «خىتاي ئىسلامنى ۋىرۇس دېمىگەن، ئەسەبىي ئىسلامنى ۋىرۇس » دېگەن دەپ ئۆزەڭلارنى بەزلىشىڭلار مۈمكىن؛ ئەمما ئەسەبىي دىنچى دەپ سولىۋېلىنغان 3 مىليون بىلەن 5 مىليون ئارىسىدىكى  ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرى يۈزىنى يۆگىگەنلىكى، ساقال قويغانلىقى، ھەج قىلغانلىقى، ئەزھەردە ئوقۇغانلىقى، مۇسۇلمان دولەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە مۇتلەق كۆپچىلىكى پەقەت ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىلەر دەپ تۇتۇلغان.  دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پاكىتلىرى دەپ  ئۆيلەردىن يىغىۋېلىنغانلار مۇقەددەس كىتۋاۋىمىز قۇرئان، تەپسىر، جايناماز، ھەتتا مېھراپنىڭ شەكلى چۈشكەن ئۆي سايمانلىرى. ئىسلامنىڭ ھاقارەت قىلىنىۋاتقىنىغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر دەلىل كېرەكمۇ؟ ئىسلامنى ۋىرىس دەپ تونۇش ۋە جاكالاشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىپادىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟
ئەسلىدە بۇ ھاقارەتنىڭ پاكىتى نېۋيروك ۋاقتى گېزىتى ئاشكارىلىغان ئۇ مەخپىي ھۆججەتلەردىن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇد ئىدى. مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە قازاق  مۇسۇلمانلىرى سولانغان لاگىرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، چېقىلغان مەسچىتلەر ۋە كېسىۋېتىلگەن مەسچىت مۇنارلىرى ، ئەخلەتكە تاشلانغان جايناماز ۋە  كۆيدۈرۈلگەن قۇرئاننىڭ رەسىملىرى خەلقئارا ئاخباراتلاردا يېتەرلىك تارقىلىپ يۈرگەن  ئىدى. خىتاينىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇققا قارىتا بەرگەن تەبىر ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىدىمۇ ئىسلام دۈشمەنلىكى  سىر ئەمەس ئىدى.  شۇڭا بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمۇشقا ۋىجدانى يول قويمىغان  قاتار دۆلەت رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە سېپىڭلاردىن چېكىنگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر ھەقىقەتكە قايتىش تەشكىلاتىڭلارنىڭ باشقا ئەزالىرىدىنمۇ كۆرۈلۈپ قېلىشىىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ مەكتۇپنى يېزىۋاتىمەن. بۇ مەكتۇبۇمنىڭ بۈگۈن ئېتىۋارى بولمىسا، ئەتە؛  ئەتە بولمىغاندا ئۆگۈنلۈككە بولىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىمەن. شۇڭا سىزگە يازغان بۇ مەكتۇپۇم ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا شۇنى  خاترىلىتىمەن:

بۈگۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈن ئەتە سىزگىمۇ چوقۇم كېلىدۇ، بۈگۈن سىزگە چېقىلمايۋاتقان بولسا، سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەس، قولى تېخى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر؛ بۈگۈن سىزگە ياردەم قىلىۋاتقان بولسا سىزگە دوستلۇقىدىن ئەمەس، بىزنى يوقۇتۇشتا سىلەرنىڭ كۆز يۇمۇشۇڭلارغا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. دۇنيادا بۈگۈنگىچە ھىچقايسى ئەسەبىي گۇرۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چاقمىدى؛ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تېروررىست تەشكىلات 3 مىليون مۇسۇلماننى گۆرۈگە ئالمىدى.

ھۆرمەتلىك يۇسۇف بىن ئەخمەت ئەپەندى، بۇ مەكتۇبۇم ئارقىلىق سىزنى  ۋە سىز بىلەن بىر دەۋردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىسلام دۇنياسىدىكى  دۆلەت رەھبەرلىرىنى ،  خىتاينىڭ مەزكۇر مەخپىي  ھۆججەتلىرىنى دىققەت بىلەن بىر ئوقۇپ چىقىشقا ۋە خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى بىر كۈن بولسىمۇ  بالدۇرراق تونۇشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*