ياۋروپا بىرلىكى خادىملىرىغا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە دەسلەپكى تەكلىپ

 

ھۆرمەتلىك ياۋروپا بىرلىكى ئەلچىخانا خادىملىرى:

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش تەكلىپىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. مەن سىلەرنىڭ بۇ سەپىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  ئائىلە-تاۋاباتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن  تۆۋەندىكى  تەكلىپ پىكرىمنى بەرمەكچىمەن.

لاگېرلار مەسىلىسىدە ئايدىڭلىشىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىككى  نۇقتا  بار : 1. لاگېردىكىلەرنىڭ سانى.  خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، ئۆزىنىڭ 40% ئاھالىنى ›تەربىيىلەش’كە ئاپىرىش ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى ئاھالىلەر، 2017-يىلى كۈزدە، مەھەللىدە ئەمگەك قىلغۇدەك ئەر كىشى قالمىغانلىقى، دېھقانچىلىقنى ئاياللارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. قەشقەر توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزا ئەدلىيە خادىمى، 3514 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؛ بۇ سان مۇشۇ يېزا نوپۇسىنىڭ 15%ئىنى تەشكىل قىلىدۇ.  غۇلجا باياندايدىكى بىر ئانا ئۆزىنىڭ 35 ياشلىق ھەنىپە ئىسىملىك مېيىپ قىزىنىڭ 1980-يىللاردا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، خەتەرلىك ئەۋلاد دەپ قارىلىپ تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. تۇرپاندىكى بىر يېزىنى  زىيارەت قىلغان بىر خىتاي ساياھەتچى بۇ يېزا كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغانلىقىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلغان. مانا بۇ مەلۇماتلار لاگېرىدىكىلەر سانىنىڭ 3 مىليوندىن تۆۋەن ئەمەسلىكى ھەققىدىكى پەرەزلىرىمىزنىڭ ئاساسى. خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرغا قەدەر، لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېغىز ئاچالماسلىقىمۇ، لاگېرىدىكىلەر سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىشارىتى. شۇڭا خىتاي تەرەپتىن لاگىرلارنىڭ ۋە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى  بىلىشنى تەلەپ قىلىشىڭلارنى سورايمىز. ئەلۋەتتە خىتاي تەرەپ لاگېردىكىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى  يوشۇرىدۇ ۋە بۇرمىلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمما مۇشۇ سوئالنىڭ سورىلىشنىڭ ئۆزى ۋە بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا قارىتا گۇمانىڭلارنى بايان قىلىشىڭلارنى ئۆزى  خىتاي تەرەپنى جىددىيلەشتۈرىدۇ ۋە جىنايىتىنى تونۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايمىز.2. لاگېردىكىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى. لاگېرىدا مەسىلە ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئاتالمىش ئىنتىزامنى بۇزغانلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن قىيىن-قسىتاققا ئالىدىغانلىقى ۋە تاياق-توقماق بىلەن ئۇرىدىغانلىقى شاھىتلار تەرىپىدىن دەلىللەندى؛ ئەمما مېنىڭچە ، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتقىنى،  لاگېردىكىلەرنىڭ 24 سائەت ئۆزئارا سۆزلىشىشىگە ۋە ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى؛  چۈشكىچە   4 سائەت، تەنەپپۇس دەرس ئاڭلايدىغانلىقى، چۈشتىن كېيىن، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنى پاش قىلىش ۋە توۋەنامە بايان قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ۋە ياتاقتىمۇ ئۇخلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا قولىنى تىزىغا قويۇپ  تىۋىشسىز  ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىشى  ھازىرغىچە لاگېردىن چىققان چەكلىك كىشىلەر ئارىسىدا بىرقانچىلىغان نېرۋىدىن ئاداشقان كىشى بولۇشى، لاگېرنىڭ مۇشۇ مۇھىتى سەۋەبلىك دەپ قارايمەن . بۇنىڭدىن باشقا، تۇتقۇنلارنىڭ  ھەر كۈنى ياتىقىدىن سىنىپىغا قوراللىق يالاپ ئېلىپ مېڭىلىشى، ئوبۇرنى ۋە مۇنچىدىمۇ نازارەت قىلىنىشى، ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن تېلېفون ياكى كامىرادا كۆرۈشكەندە ئۆز ئەھۋالىنى ياخشى دەپ مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۇرىۋاتقان قورقۇنچلۇق تەدبىرلەر. خىتاي  ھازىرغىچە ئىككى قېتىملىق چەتئەل زىيارەتچىلىرىگە كۆرسەتكەن ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ تەقى-تۇرقى ۋە روھىي ھالىتىدىن ئېنىقكى ئۇلار  بىز شىكايەت قىلىۋاتقان لاگېر ۋە ئۇيەردىكى كىشىلەر ئەمەس.بۇ كۆرسەتمىلىك ئۈچۈن يېڭىدىن ياسالغان سەھنىلەر ۋە ياكى  يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى ) ئەتىگەن ئاخشىمى ئۆيلىرىگە قايتالايدىغان(  سىياسىي ۋە كەسپىي ئۆگىنىش كۇرسىلىرى بولۇشى مۇمكىن.  خىتاينىڭ  سىلەرنىمۇ ئوخشاش سەھنىلەرگىمۇ  كۆرىستىپ ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەسكەرتىدىغىنىمىز، خىتاي تەرەپ تونۇشتۇرغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە راست گەپ قىلمايدىغانلىقى ئېنىق،  رايوندىكى ئېغىر سىياسىي بېسىم سەۋەبىدىن، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرى يالغۇز ئەھۋالدىمۇ راست گەپ قىلالماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا  سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، لاگېرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە بىر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. شەخسەن مەن بۇ جەھەتتىن   ھەمكارلىشىشىشقا ئۆزۈمنىڭ تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن.

 

 

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر .

______________

) ئەسكەرتىش: بۇ خەتتە لاگېرلار ھەققىدە دېيىلگەن بارلىق ئۇچۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئېلىنغان؛ ئەگەر سىلەرگە  بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى كېرەك بولۇپ قالسا، ئۇشبۇ خەۋەرلەرنىڭ  ترانسكرىپيىەسىنى –  ئىنگىلىزچە- يوللاپ بېرىمىز.

 

 

Leave a Comment

*

*