دوكتۇر كاترىنا لانتوس سۋەتنىڭ 6- ئاپرىل ئۇيغۇلار يىغىلىشىنى قوللاپ ئۇيغۇر ئىنسان ھوقۇقىنى قوللاش سىياسى تەدبىرىنى جىددىي ئىلگرى سۇرۇش ھەققىدە يازغان خېتى

 

ياخشىمۇسىلەر، مەن گەرچە ئوزەم شەخسەن كېلەلمىسەممۇ بۇ مۇھىم يىغىلىشىڭلار بىلەن ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. شۇ بىر يىل بۇرۇن مەن رابىيە قادىر ۋە ئىككى يۇزگە يېقىن ئۇيغۇلار توپى بىلەن يامغۇردا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۇرۇپ شەرقىي تۇركستاندىكى تۇرمىلەردە يېتىۋاتقان ئائىلە-  تاۋابەتلېرىگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇ ئارلىقتىكى يىلدا شنجاڭ ئولكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پەقەت تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا بارا-بارا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائېتىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» لاگىرلېرىدا باشقىچە نام ئاستىدا تۇركۇملەپ سولۇنۇپ ياتقان بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يەتمەكتە. بۇلار يىغۋېلىش لاگىرلېرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىگۇنا ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار خارلىنىش، سىياسى تۇزۇملەش، قىيناش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەھۋال ئاستىدا تۇرماقتا. بۇگۇنكى دۇنيادا بىر تېنچ ياشاۋاتقان جامائەتنى ئۇنىڭدىن ئوتە توركۇملەپ قولغا ئالغان بىر ئەينى مىسال يوق. ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۇركستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان خورلۇقلېرى يىغۋېلىش لاگىرلېرىدىنمۇ بەك ئېشىپ كەتتى. پۇتۇن ئولكە بىر تۇتاش كۇزۇتۇش ئاپاراتلېرى ئاستىدا بولۇپ ھەممە ئاھالە نازارەت ئاستىغا چۇشۇپ بولدى. شەھەرلەر كۇزۇتۇش ئاپاراتلېرى بىلەن تولدى. ئاھالە بويىچە د ن ئا ئېلىش مەجبۇرىيەت، مېچىتلەر كامېراغا ئېلىندى، بالىلار سوراققا تارتىلدى، خوشىنىلار خوشىنىلار ئوستىدە نازارەت قىلىش بۇيرۇلغان. ئۇ خۇددى كېلەچەك زاماندىكى دىستوپىك رومانلاردىكى ۋەھىمىلەرگە ئوخشسىمۇ شۇغىنىسى بۇ دەل ھازىر مىليونلاپ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان قورقۇنۇچلۇق رىئاللىق.

 

خىتاي ھوكۇمىتى بىر غورۇرلۇق خەلقنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە ئورپ-ئادەتلېرىنى تۇپ يىلتىزىدىن       سىستىماتىك قىرىپ تاشلاشقا ئاتلانماقتا. دۇنيا بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز دەيدىغان يەرگە كەلدى.

 

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلېرى سياسىتى قانۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە خىتاينى قىلۋاتقان خورلۇقلېرى ئۇچۇن مەسئۇلىيەتكە تارتىشقا ئاتلانغان ھەل قىلغۇچ بىرىنچى قەدەم. ئ‍ۇ قانۇن ئامېرىكا دولەت مىنىستىرلىكى ئىچىدە مەخسۇس ئورۇن تەسىس قىلىدۇ. ئامېرىكا دولەتلىك   تەكشۇرۇش بيۇروسى ۋە مەركىزى ئىستىغپارات ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسىتىنى باشتىن ئاياق تەكشۇرۇپ چىقىپ ئامېرىكا ھوكۇمىتىگە ئۇنىڭغا قارىتا قانداق قەدەملەرنى بېسىش   ھەققىدە مەسىلەن خەلقارا ماگنىتسكى قانۇنىغا ئاساسەن جازالاش دىگەندەك تەدبىرلەرنى تەۋسيە قىلىدۇ.

 

بىز ئەركىن دۇنيانىڭ خىتايغا كەلگەندە «ئايىقىنىڭ ئۇچىدا مېڭۋاتقان» دىپلوماتسيەسىدىن   زېرىكتۇق. خىتاي ئىقتسادىي تەسىرى ئارقىلىق ئوزلېرىنىڭ ئادەم چىدىغۇسىز قىلىقلېرىغا بولغان تەنقىدلەرنى تۇنجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇ سەۋەپتىن دىمىمىز ئىچىگە چۇشۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىز ئەقەللىي ئ‍نسانىيەت ھوقۇقىنى قوغداشقا بولغان نىيىتىمىزنىڭ چىنلىقىنى نامايەند قىلماقچى بولساق شەرقىي تۇركستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن تىك تۇرىشىمىز، ھەممىگە ئوچۇق ۋە ئېنىق ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بۇگۇنكى يىغىلىشىمىزنىڭ پۇتۇن مەقسىدى.

 

لانتوس ۋەخپى بىر نەچچە يىل ئىلگرى رابىيە قادىر خانىمغا ئوزىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى – لانتوس ئىنسانلار ھوقۇقى مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغانلىقى بىلەن مەغرۇرلانغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى» ئاتالغان رابىيە قادىر خانىم ئوز خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۇچۇن ھارماستىن باتۇرلۇق بىلەن كورەش قىلىپ كەلدى. بۇگۇن ھەممىمىز رابىيە قادىر خانىم ۋە بارلىق ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە ئورە تۇرۇپ ئاۋازىمىز ئامېرىكا كونگرىسىنىڭ زاللېرىغا، ئاق سارايغا ۋە تا ئاخىرى بېيجىڭغىچە يەتسۇن.

 

رەخمەت

Leave a Comment

*

*