رابىيە قادىر: ئۆتكەن 24 ئايدا ئۇيغۇرلاردىن خىتاينىڭ دۆلەت زوراۋانلىقىغا يولۇقمىغان بىرمۇ ئائىلە قالمىدى

 

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە يەرشارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق خىتاي دۆلەت ئاخباراتى، شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاش نۇقتىسىدىن » ئوتكەن 24 ئايدا، بىرمۇ زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى » ئوتتۇرىغا قويۇشتى، ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، خۇاچۈنيىڭ 26-دىكابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا، ئوخشاش گەپنى تەكرارلىدى.

شۇنداق، ئوتكەن 24 ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرمۇ زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ئەمما، ئۇيغۇرلارغا قارشى ، ھەر كۈن، ھەر سائەت ، ھەر مىنۇت ، ھەر يەردە دۆلەت زوراۋانلىقى ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇردى ۋە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق ئوتكەن 24 ئايدا بىرمۇ خىتاي ساقچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىمىدى، ئەمما ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن ئاز دېگەندە بىردىن كىشى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ لاگېرغا ئەكېتىلدى. شۇنداق، ئىلگىرىكى يىللاردىكى زوراۋانلىقى ۋەقەلىرىدە، يۈزلەرچە ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئايال- بالىرىلىرى تۇل ۋە يېتىم قالغان بولسا، بۇ 24 ئاي ئىچىدە، ئۇيغۇرلاردىن مىڭلىغان كىشىلەر لاگېردا، قىيىن-قىستاقتىن، ئوزۇق ۋە دورا يېتىشمەسلىكتىن جان ئۈزدى. ئۇلارنىڭ ئونمىڭلارچە جورىلىرى تۇل قالدى، بالىلىرى يېتىم قالدى، مىليونلارچە ئائىلە خانە ۋەيران قىلىندى، مىليونلارچە نارەسىدە بالىلار دارىلتاملارغا سولاندى. مانا بۇ تىنچلىقمۇ؟ مانا بۇ مۇقىملىقمۇ؟ مانا بۇ بىر دۆلەت خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ماختىنىشقا تېگىشلىك نەتىجىمۇ؟ بۈگۈن بىر 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتىدۇ، ئۇلار ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلىپ، قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە، ياتاقلىرىدىن سىنىپلىرىغا ئاپىرىلىپ، 24 سائەت كامېرالار ئارقىلىق نازارەت قىلىنىپ، ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە بېرىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەكتەپنى قاچان پۈتتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۇلار » ئوقۇۋاتقان» بۇ «مەكتەپ»نىڭ ئورنىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ. مانا بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئوز باشقۇرۇشىدىكى مەلۇم بىر مىللەت ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى ئەمەسمۇ؟ مانا بۇ دۆلەت تېررورلۇقى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇ دۆلەت تېررورلۇقى دېيىشكە ئازلىق قىلسا، دۆلەت تېررورلۇقى دەپ نىمىنى دەيمىز؟

خىتاي دەسلەپتە، شەرقى تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، كېيىن مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇ يەرگە كىچىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ يىغىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان بولدى؛ ئەمما ھازىرغىچە، بۇ لاگېردا، خىتاينىڭ تىلى بويىچە » بۇ مەكتەپ»لەردە قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى، چۈنكى سان پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈنكى بۇ سان خىتاي دېگەندەك كىچىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ «تەربىيە» ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن. خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ «مەكتەپلەر»دە خىتاي تىلى، ۋە قانۇن كەسىپ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بىر مەكتۇپمۇ، تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، چۈنكى، قانلىق بىر جىنايەتنى، پەردازلاپ كۆرسىتىپ بولغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن. ئەگەر خىتاي بۇ لاگىرلارنىڭ جازا لاگېرى ئەمەس، كەسپىي مەكتەپ ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە، قېنى مەكتەپلىرىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلقئارا جامائەتكە ئېچىپ كۆرسىتىپ باقسۇن!
خۇا چۈنيىڭ، ئۆتكەن 24 ئايدا، شەرقى تۈركىستاندا بىرمۇ ۋەقە چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى 27- فېۋرال كۈنى، يېڭىسادا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئۇنداقتا ئۇ يالغانمۇ؟
ئەگەر خىتاي دېگەندەك، ئوتكەن 24 ئايدا شەرقى تۈركىستاندا بىرمۇ زوراۋانلىق -تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا ۋە بۇ لاگىرلارنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدىغان ئىشى بولسا، ئۇنداقتا بۇرۇنقى يىللاردا يۈزلەرچە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنمىدى؟ مەلۇمكى خىتاي دائىرىلىرى ئوتكەن 10 يىلدا، ئۇيغۇلارغا ئالاقىدار، كۇنمىڭ ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق بىرقانچىلا ۋەقەنى خەۋەر قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەقەلەر ھەققىدە خەۋەرلەر بەرمىدى، ھەتتا رايوننىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن شى داگاڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئۇسۇل بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقىنى تەسۋىرلىدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى ساياھەتكە دەۋەت قىلدى. ئەگەر ۋەزىيەت مىليونلارچە كىشى لاگېرغا سولىنىپ تەربىيىلىنىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە جىددىي بولغان بولسا، دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ جاينى تىنچ ، خەلقىنى بەختلىك دەپ تەسۋىرلەيدۇ؟

رېئاللىق شۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقى ۋە دەۋرلەردىن بېرى ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستان خەلقى ھېچقاچان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مەمنۇن بولمىدى، ئەلۋەتتە چەكلىك ئىمكانلىرى دائىرىسىدە، بەزىدە تىنچلىق بىلەن، بەزىدە ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلدى. شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇ جايدىكى ھاكىمىيىتىدىن ۋە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى يەر شارىدىن يوقىتىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى ۋە بۇنىڭ ئىجرائاتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قىرغىزلاردىن 3 مىليون كىشىنى لاگېرغا سولىۋېلىش بىلەن شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئاتالمىش تىنچلىقىنى ماختىنىشنى داۋاملاشتۇرسۇن، مەنمۇ ئائىلە ئەزالىرىمدىن 37 كىشى ئەنە شۇ لاگېردا سولىنىپ ياتقان بولسىمۇ، يەنىلا، خىتاينىڭ بۇ ئالدامچىلىقىنى ، ، ياق خەلقئارا جامائەتنى ئەخمەق قىلىشىنى پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن: ئوتكەن 24 ئايدا، ئۇيغۇرلاردىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىمىغان بىرمۇ ئائىلە قالمىدى

Leave a Comment

*

*