رابىيە قادىر: شۆھرەت زاكىر نىمە ئۇچۇن لاگىردىكىلەرنىڭ سانىنى ئېغىزىغا ئالالمايدۇ؟

خىتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى 3 يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى ئاز بىر تۈركۈم ، ئاخبارات ۋە دۆلەت خادىملىرىغا ئېچىش ۋە ياساپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىشلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم پەدەزلەشكە ئۇرۇندى.
شەرقى تۈركىستاندا، بۇنداق لاگېردىن 1200دىن ئارتۇقى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى، ، نېمە ئۈچۈن بۇلاردىن پەقەت 3 لاگىرلا كۆرسىتىلىدۇ؟ تەكشۇرگۇچىلەر، نىمە ئۇچۇن ، ئۆزلىرى خالىغان بىر لاگىرغا بارالمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن، مۇخبىرلار ۋە ئاتالمىش ئوقۇغچىلار، ساقچىلاردىن ۋە كادىرلاردىن خالى ھالدا سۆزلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ؟ چۇنكى ئۇ مەكتەپ ئەمەس، جازا لاگىرى بولغاچقا؛ كەسپ ئۆگىتىلىۋاتقان ئەمەس، مىللىي مەدەنىيەت قىرغىن قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئەسەبىيلىك تۈگىتىلىش ئەمەس، مىللىي كىملىك قۇرۇتىلىۋاتقان بولغاچقا.
بۇ لاگېرلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، «مەكتەپ»نىڭ ئوقۇتۇش مېتودىكى تەھدىتلەر، شارائىتلار ۋە بۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر. لاگىرغا سېتىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان كويزىلار، توك كالتەكلەر كىملەرگە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، قانداق ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىۋاتىدى؟ ھازىرغىچە لاگىرغا يىغىۋېلىنغان ياشانغانلار، ئېغىر بوي ئاياللار، ئۆسمۈرلەر ھازىر قانداق ھالەتتە؟ ئۇلار داۋالىنىلىۋاتامدۇ يوق؟ ئۆلگەنلىرنىڭ جەسەتلىرى قانداق بىر تەرەپ قىلىندى، ئائىلىلىرىگە بېرىلدىمۇ، ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە دەپنە قىلىشقا يول قويۇلدىمۇ؟ مانا بۇ تەكشۈرۈلۈشكە تېگىشلىك جىددىي نۇقتىلار ئىدى، ئەممە بۇ تەكشۈرۈشتىن مۇنداق بىر مەزمۇننى كۆرمىدۇق، چۈنكى تەكشۈرۈش مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئەمەس، پەقەت بۇرنىدىن يېتەكلەنگەن بىر تەكشۈرۈش بولغاچقا.

قورچاق رەئىس شوكرەت زاكىر، لاگىرلاردا سولۇنۇپ ياتقان كىشىلەرنىڭ سانىنىنى دەپ بەرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نىمە ئۈچۈن دەپ بېرەلمەيدۇ؟ چۇنكى قورچاق بولغاچقا، ئۆزى تەۋە مىللەتتىن قامالغان مىللەت كىشى سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشكىمۇ ھەققى يوق. قانچىلىك كىشى سولانغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، قانداقلارچە، بۇ لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇمۇ شۇ لاگىردىكىلەرگە ئوخشاشلا ساختا دوكلات بېرىشكە مەجبۇرلانغان بولغاچقا.
تېخىمۇ مۇھىمى لاگىردىكىلەرنىڭ سانى 3 مىليوندىن تۆۋەن بولمىغاچقا، يەنى قۇرۇقدىلىپ قالغان كوچىلار، تاقىلىپ قالغان ئوي-ھويلا ئىشىكلىرى، تاقالغان دۇكانلار، قۇرۇقدالغان مەسچىتلەر 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرغاچقا.
دائىرىلەر ، ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاگېردا خىتاي تىلى، قانۇن ۋە كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە نەتىجە قازىنىلغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. خىتاي تىلى (دۆلەت تىلى) بىلمەسلىك بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ كەسىپ ئۆگىتىش بىلەن تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانداق ئالاقىسى بار؟ ئەگەر شۇنداق مۇناسىۋەت بار دەيىلسە، ئۇلارغا نىمە ئۇچۇن بۇ تىل ،بۇ كەسىپلەر، ئۇلارنى «مەكتەپكە سولىۋېلىش»، ئائىلە-بالا -چاقىلىرىدىن ئايرىۋېتىش يولى بىلەن ئۆگىتىلۇدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ دۆلەت تىلى ئېگىز تاملار، تىكەنلىك سىملار ئىچىدە ئۆگىتىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئۆزلىرى بېقىش ۋە يېتىلدۈرۈش ھەققى بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاينىڭ يېتىمخانىلىرىغا مەجبۇرى ئەكىتىلىدۇ ۋە مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن پۇتۇنلەي ئايرىپ تاشلىنىدۇ؟
دائىرىلەر، 2014-، 2015-يىللاردىكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئائىت پاكىتلارنى مۇشۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۈچۈن باھانە قىلىپ كۆرسىتىپتۇ، خىتاي ئەينى يىللاردا بۇ ۋەقەلەرنى سادىر قىلغان ئۆز ئەمەلدار ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى جازالىماسلىق بىلەن بىللە، يەنە سوتسىز ئۆلۈم جازالىرىنى يولغا قويۇش ۋە قاتتىق زەربە دولقۇنلىرى ئارقىلىق، يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇرنى تۈرمىلەرگە سولاپ بولغان ،جازا مۇددىتى كەسىپ بولغان؛ بۇ يىغىۋېلىش لاگېرغا سولانغانلار، شۇ ھەقسىز جازالانغان كىشىلەر بىلەن بىر مىللەت ۋە بىر دىندا بولۇپ قېلىشتىن باشقا گۇناھى يوق، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ لاگېرلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقىنى مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
خىتاي بۇ لاگېرلارنى يەنە بەش داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى ئاستا – قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشقا كۆندۈرمەكچى، بۇ جىنايەتنى نورماللاشتۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنى ، ئۇن-تىنسىز، يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى.
مەن خەلقئارا جامائەتنى بۇ كۆز بويامچىلىققا ئالدانماسلىققا؛ بۇ سۈيىقەستكە سۈكۈت قىلماسلىققا ۋە بۇ جىنايەتكە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز شېرىك بولۇپ قالماسلىققا يەنە بىر رەت دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*