رابىيە قادىر: شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ چەكسىزلىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

رابىيە قادىر: شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئۇزىرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر شۇملۇقتىن بېشارەت !

شى جىنپىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ چەكسىزلىشىشى خەلقئارا جامائەتنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، خىتاي خەلقىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما نۆۋەتتە تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى، جۈملىدىن-بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ۋەھىمىگە سالدى. چۈنكى بۇ بىر نۇقتىدىن ، شى جىنپىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان بىر مىليون كىشىلىك يېپىق تەربىيە لاگېرىنىڭ نورمال بىر ھادىسە دەپ قارىلىشى يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان بىر جىنايەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە بۇ جىنايەتكە كەڭرى بىر سورۇن ھازىرلاپ بېرىشتۇر.

ئەلۋەتتە، 1989 ‏-يىلى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكا بىلەن باستۇرۇپ ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر باشلىقىنىڭ ھاكىمىيەتكە بۇ دەرىجىدە يېپىشىشىغا ھەيران قالمايمىز، قورچالىقى سايلامدىكى 2گە قارشى 2500 ئاۋاز نەتىجىسىدىن ئاشكارا مەلۇم بولغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھىسىنى رەت قىلىشىنىمۇ ئەسلا كۈتمەيمىز؛ كۈتىدىغىنىمىز خەلقئارا جامائەتتىن توغرا، ئادىل ، جىددىي ۋە سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ئىنكاستۇر.
بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى جىددىي شەكىلدە خەۋەر قىلغىنىدىن، بىرقانچە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدىكى مۇراجىتىدىن باشقا خەلقئارادىكى ھېچبىر دۆلەتتىن ئىنكاس قايتمىدى. خەلقئارا خەۋەرلەردىكى 800″ مىڭ ئۇيغۇر لاگىردا» دېگەن ئۇچۇرمۇ، دۇنيا سىياسىي ئەربابلىرى ئىچىدە كۈچلۈك بىر غۇلغۇلا پەيدا قىلمىدى. بىزنى تېخىمۇ قورقۇتۇۋاتقىنى بۈدۈر ، دۇنيانىڭ ئۈن-تىنسىزلىكىدۇر. شى جىنپىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان مىللىي قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش، سوتسىز جازا ھۆكۈم قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ خىتاي تىلىنى تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى چەكلەپ ساقال-بۇرۇتىنى كېسىشلىرىگە توختا دېيەلمىگەن دۇنيا، بىر مىليون ئۇيغۇرنى سىياسىي تەربىيە نامى ئاستىدا قامىۋېلىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى، بۇنداق بىر ئىجرائاتنى قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنىڭ ئۆز تەختىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە بايراقدارلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراش كېرەك ئىدى. دۇنيادا غەربنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرى خىتاي تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالىدا چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ، ئۇپرىتىلىۋاتىدۇ؛ ئەلۋەتتە بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى، بۇ قىممەت قاراشلارغا ئىگە چىقىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك ئىدى. بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى بىلەن دۇنياغا تەسىرىنى يېيىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چاقىرىپ ھاكىمىيىتىنى ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن دەرىجىدىكى دىكتاتورىلىققا يېتەكلىشى غەرب قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىشتىن قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ جەڭنامە، بۈگۈنچە غەرب دۇنياسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىگە بەك تەسىر قىلىپ كەتمەيدىغانلىقى، پەقەت ئېتىبارىنى چۈشۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ،غەرب خەلقئارا جامائىتى بىر ئۇھسىنىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما تەقدىرىگە، كېلەچىكىگە ئاۋۋال ياراتقۇچىدىن، ئاندىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن ياردەم كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى، خىتاينىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇ زوراۋانلىقى ۋە دۇنيانىڭ بۇ زوراۋانلىققا تۇتۇۋاتقان بىپەرۋالىقىغا ئۇھسىنىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە تىرمىشىدۇ. مانا بۇ تىرىشچانلىرىمىزنىڭ بىرى سۈپىتىدە، خەلقئارا جامائەتنى، جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى شەرقى تۈركىستان زېمىنىغا بىر كۆز تىكىشىگە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بىر تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز:
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق پارچىلىرىدىن بىرى بولغان خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ، شەرقى تۈركىستاندا كۆپلىگەن ئىنقىلابچىلار ، بايلار، زىيالىيلار، سەنئەتكارلار ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە تاشلانغان ب، ئەمما ئۇ يەنىلا مىللەتنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەس بىر قىسمى ئىدى. ئەمما نۆۋەتتىكى -شىجىنپىڭ دەۋرىدىكى- يېپىق تەربىيە دولقۇنىدا مىللەتنىڭ 95%نى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام خەلقنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئومۇمى مىللىي گەۋدە زەربە نىشانى بولماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشى ، تىرىكچىلىكى ، ھەتتا نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشماقتا.

15مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ بىر مىليون ئەزاسىنى، 10-20%نى يەنى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنى سولىۋېلىش ۋە ئۇنى بىر يىلغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇش ھەم ئىقتىسادىي ھەم تېخنىكا جەھەتتىن نورمال دۆلەت قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىغا توسۇق دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ھەرقانداق بەدەللەرگە رازى بولۇپ بۇ قەستىدىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەيلى ھازىرقى پەيلى، خىتاي ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بۈگۈنكى پەللىسى، بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگىردا چارىسىز سولىنىپ تۇرۇشى، بۇ جايلاردا پات يېقىندا يۈز بەرگۈسى چوڭ، ئېچىنىشلىق قانلىق پاجىئەلەردىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ زېمىندا 6 يىل تۈرمىدە ياتقان بىر سابىق مەھبۇس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەنە شۇنداق بىر شۇملۇقنى بۇرنۇم پۇراۋاتىدۇ. بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يېتەكچىسى ۋە ئاۋازى بولۇش سۈپىتىم خەلقئارا جامائەتنى يەنە بىر رەت ياردەمگە چاقىرىمەن:
شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ چەكسىزلىشىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر شۇملۇقتىن بېشارەت. شەرقى تۈركىستاندىكى يېپىق تەربىيە لاگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە بولۇۋاتقان ئىشلار دىققىتىڭلاردا بولسۇن،خىتاينىڭ بۇ لاگىرلاردا ھەر ۋاقىت بىر ئىنسانلىق پاجىئەسى تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئېسىڭلاردىن چىقمىسۇن!

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*