كومىتېت باش ئەلچى بىراندستاننى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئىلىنىش مەسلىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى !

 قىسقىچە مەزمۇنى :

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى،   ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئىشلار بىتەرەپ كومىتېتى (CECC) باشلىقى ۋە ئورتاق باشلىقى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزايى ماركو رۇبىيو (جۇمھۇرىيەتچى،  فىلورىدا شتاتىدىن) بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزايى كىرس سىمىس (جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن،  يېڭى جىرسى شتاتىدىن)  ئامېرىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەررى بىرانستاندقا خەت يېزىپ ،  ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ئۇ ئا ر )نى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئۇ يەردىكى زور نازارەت سىستېمىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىنى  كۆپ ساندا قاماققا ئىلىش مەسىلىسى،  <<يەرشارى ماگنىتسكى ھەرىكىتى>> بويىچە جازالاش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى يېغىشقا چاقىردى.

<<ئۇيغۇرلار ۋە ش ئۇ ئار دىكى باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش،   دىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ چەكلەش،  كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئېغىر نازارەت ئاستىغا ئىلىنىدىغان دەرىجىدە ئېلېكترونلۇق نازارەت سىستېمىسىغا دۇچ كەلمەكتە…ئىشەنچلىك تارتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،  500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە كىشى <<سىياسىي تەربىيىلەش مەركىزى >>دەپ ئاتىلىدىغان جايدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،  بۇ بۈگۈنكى دۇنيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ تۇتۇلغان بىر خەلق ھېسابلىنىدۇ.جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ش ئۇ ئار دىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ئاسيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئاچقۇچلۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ.بىز سىز بىلەن ئامېرىكانىڭ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانى ھوقۇق،  رادىكاللىششقا سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك سىياسەتلەرنى توختىتىش يولىدا بىرلىكتە ئىشلەشنى كۈتىمىز !

 3-ئاپرېل،  2018-يىلى

باش ئەلچى.تەررى ىرانستاند

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جۇڭگو بېجىدىكى باش ئەلچىسى،

جۇڭگو،  بېجىڭ،  100600

قەدىرلىك باش ئەلچى بىرانستاند

بىز سىزگە جۇڭگو ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان كەسكىن ئىنسانى ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى غايەت زور ساندا مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىشى،  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى ئالتە نەپەر خىزمەتچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى  ھەققىدە خەت يېزىۋاتىمىز.بىز سىزنى ش ئۇ ئا ر ۋە <<سىياسىي تەربىيە مەركەزلىرى>>نى زىيارەت قىلىشقا ،  ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە سۆھبەتداشلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسۋەتلىرىڭىزدە ش ئۇ ئا ر دىكى ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى  ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئالغان ۋەزىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا جىددىي چاقىرىمىز.

بىز باشقۇرۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئىشلار بىتەرەپ كومىتېتى (CECC) 2017-يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگودىكى ،  بولۇپمۇ ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان دىنى ئەركىنلىك چەكلىمىلەرنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغانىدى.يېقىنقى ئايلاردىن بىرى ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا.ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش ،  دىنى ئىبادەتلەر ۋە مەدەنىيەتنى قاتتىق چەكلەش،  يۈز تونۇش كامېراسى ،  يان تېلېفون سكاننېرلاش ۋە د ئەن ئا توپلاش ۋە ھەممە يەرگە بۆسۈپ كىرىدىغان ساقچىلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى نازارەت قىلىنىدىغان دەرىجىدە  ئېلىكترونلاشقان نازارەت سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۇبيېكتى بولماقتا.

ئىشەنچلىك تارتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،  <<سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى>>دەپ ئاتىلىدىغان جايلاردا 500مىڭدىن 1 مىليونغا قەدەر كىشى بار ياكى قامالغان بولۇپ،  بۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا قامالغان ئەڭ كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق خەلق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مىڭلىغان كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئايلارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ،  مەجبۇرى سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،  نۇرغۇن كىشىلەر ناماز ئوقۇغانلىقى ،  <<ئىسلامچە>> كىيگەنلىكى ياكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى مەسىلەن ئىلگىرى چەتئەلنى ساياھەت قىلغانلىقى ياكى باشقا بىر دۆلەتتە ياشايدىغان تۇغقانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قامالغان.بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان  كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا ،  جۈملىدىن مۇشۇ تەربىيىلەش مەركىزىگە قامالغان بولۇشى مۇمكىن بولغان  بىر مەشھۇر مۇسۇلمان دىنى ئالىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى.يەنە بەزى خەۋەرلەردە مۇھاپىزەت مۇنارلىرى،  تۆمۈر سىم ۋە ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئېغىر قىيىن-قىستاق ئىلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بار .

تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر مۇلازىمەت بۆلۈمى ژۇرنالىستلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئائىلە ئەزالىرىمۇ بار.بۇ خىل قاماققا ئىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار ،  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە دىپلوماتلارغا بارغانسېرى چەكلىمە قويۇۋاتقان ش ئۇ ئار نىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك خەۋەر ئىلىشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

بىز يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئىنسانى ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئونلىغان تۇغقانلىرىنىڭ قاماققا ئىلىنىشى ۋە ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز.

بىز ئەلچىخانىنىڭ يۇقىرىدىكى ئىشلار ھەققىدىكى تىرىشچانلىقى ،  جۈملىدىن دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلىرى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدىكى دوكلاتنى كۈتىمىز.ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋالدا،  بىز سىزنى  بۇلارنىڭ مەسلىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى شەخسەن ئىلىپ بېرىپ،  بۇ شەخسلەرنىڭ نەدىلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشڭىزنى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.ئەگەر بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش چارسى بولمىغاندا،  بىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىن  ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تارتقۇ مەمۇرلىرى ياكى باشقۇرۇش خادىملىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەلچىخانىنىڭ  ئۇيغۇرلارنى زور ساندىكى مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا مەسئۇل  ش ئۇ ئا ر دىكى كونكرېت ئەمەلدارلىرىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۈزۈپ چېقىشقا باشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇلار << يەرشارى ماگنتسكى ھەرىكىتى>> ئاستىدا جازالىنىشى مۇمكىن.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ش ئۇ ئار دىكى باستۇرۇشلىرى ئامېرىكانىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قاتار مەنپەئىتىگە بېرىپ چېتىلىدۇ.

بىز سىز بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ  مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،  خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تەدبىر قوللىنىش ۋە رادىكاللىششقا تۈرتكە بولىدىغان خەتەرلىك ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن بىللە ئىشلەشنى كۈتىمىز .

ھۆرمەت بىلەن،

 كېڭەش پالاتا  ئەزايى ماركۇ روىبئۇ

مەسئۇل

 ئاۋام پالاتا ئەزايى كېرىس سمىس

ئورتاق مەسئۇل

 تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان

 مەنبەسى:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئىشلار بىتەرەپ كومىتېتى (CECC)

تور بېكەت ئادېرسى :https://www.cecc.gov/media-center/press-releases/chairs-urge-ambassador-branstad-to-prioritize-mass-detention-of-uyghurs

Leave a Comment

*

*