رابىيە قادىر خانىم: خىتاي نېمە ئۈچۈن روھىنگا مەسىلىسىدە بېرما ھۆكۈمىتىنى «توغرا چۈشىنىدۇ» ؟

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنى ب د ت دىكى سۆزىدە يەنە بىر قېتىم بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگا ۋەزىيىتىگە قارىتا تەدبىرلىرىنى » توغرا چۈشىنىدىغان»لىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوش، خىتاي نېمە ئۈچۈن بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگا ۋەزىيىتىگە قارىتا تەدبىر ۋە ئىجرائاتلىرىنى توغرا چۈشىنىدۇ؟ بېرما ھۆكۈمىتىگە يېقىنچىلىقى سەۋەبىدىنمۇ؟ ياق! مۇسۇلمانلارغا ياكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئۆچمەنلىكتىنمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس، دېگىنىدەك، بېرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئۈچۈنمۇ؟ تېخىمۇ ئەمەس.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بىر خەلقنىڭ رەھبىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاپ باققان خىتاينىڭ سابىق بىر ۋەتەندىشى، شۇنداقلا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈن ئىجرائاتلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مىللىي ئازادلىق كۈرەشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقىرىقى سوئالغا قارىتا جاۋابىم شۇ: ۋەزىيەتكە قارىتا مەنپەئەت توقۇنۇشى   بولغىنى ئۈچۈن. يەنى خىتاي بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن مەسلەكداش بولغىنى – بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگاغا قىلىۋاتقىنىنىڭ 10 ھەسسىسىنى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن! روھىنگا مۇسۇلمانلىرى نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى 2009 ‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن تا بۈگۈنگىچە باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن.

دېگەنلىرىم بىرئاز ئاشۇرۇۋېتىپ بارغاندەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى روھىنگادا يۈز بېرىۋاتقانلار بېرما دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا مەلۇم؛ ئەمما خىتاي دىكتاتور ۋە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بولغىنى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلار دۇنياغا سىر.  بۇ ھەقتە بىرنەچچە پاكىت كۆرسىتەي: روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن 300 مىڭچە كىشى بېنگال ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپتۇ، بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا نەچچە مىڭ كىشى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. تۈرمە، قاماق ۋە يېپىق مەركەزلەرنىڭ سىرتىدىكى 10 نەچچە مىليون كىشى، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قېچىش ئەمەس، ساقچىدىن رۇخسەتسىز ھالدا قوشنىسىنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئامالسىز. روھىنگادا ھازىرغا قەدەر توقۇنۇشتا 400 كىشى ئۆلۈپتۇ؛ ئۇيغۇرلاردىن 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر بىر تەرەپتە، مىڭلارچە كىشى غايىب.  بۇ مىڭلارچە كىشىدىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالىغىنى 43 ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلاپ چىققىنىمۇ 40 ئەتراپىدا؛ خىتايدىن يېقىندا قېچىپ چىقىپ ئامېرىكادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، خىتاينىڭ دۆلەت سىرلىرىدىن بەلگىلىك مەلۇماتى بولغان مىليونېر گۇۋېنگۈي  5-ئىيۇل ۋەقەسىدە 500 ئۇيغۇرنىڭ كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما گۇ ۋېنگۈي ئاشكارىلىغان بۇ سىرنى بۇ ئېنىقلاشقا قىزىققان بىر تەشكىلات ياكى ئاخبارات يوق، چۈنكى خىتايدىن بۇ ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغاچقا. خىتاي ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ غايىبلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىدى، ئائىلىلىرىگە جەسىتىنىمۇ بەرمىدى، ئۇچۇرىنىمۇ بەرمىدى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ غايىبلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىدى. غايىب ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىر ئۇچۇر بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان پروفېسسور ئىلھام توختى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلدى.

كەچۈرۈڭلار روھىنگا مۇسۇلمانلىرى قان يىغلاپ تۇرغان، ئىنسانپەرۋەر دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بۇنى ھەل قىلىشنىڭ كويىدا بېشى قېتىپ تۇرغان ئەھۋالدا، مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىستۇرماي تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، ئەمما، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈپ، تەكەببۇرانە پىكىر بايان قىلىشى، بولۇپمۇ بېرما ھۆكۈمىتىنى جاسارەتلەندۈرۈشى، مېنى بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكرى سورۇنىغا سۆرەپ كىردى.

بۈگۈن روھىنگا مۇسۇلمانلىرى جەسەتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى جەسەتلىرىگە ئىگە چىقىش ئۈچۈن يېقىنلاشسا تېررورچىنى قوللىغۇچى دەپ ئېتىلىۋاتىدۇ. تۇغقانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭغانلار مال دوختۇر خالىق مەخمۇتقا ئوخشاش 10 يىللاپ كېسىلىۋاتىدۇ.

ئۆز دۆلىتىدىكى بېسىۋېلىنغان بىر مىللەتكە قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، بۇ قىلمىشىنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەت قوشنىسى بېرمىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىز پوزىتسىيەدە بىلدۈرەلشى مۈمكىنمۇ؟ 1989 ‏-يىلى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تيەنئەمىن مەيدانىدا تانكىغا باستۇرۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر گۇرۇھنىڭ خەلقئاارۋىي مەسىلىلەردە تىنچلىقتىن، ئادالەتتىن سۆز ئېچىش سالاھىيىتى بولامدۇ؟ كوساۋا مۇستەقىللىقى مەزگىلدە سىرىبىستاننى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب باھارىدا كاددافىنى ۋە مۇبارەكنى «توغرا چۈشىنىپ» ۋە قوللاپ كەلگەن خىتاي سۈرىيەدە بەشەر ئەسەد رېجىمىنى قوللاپ كېلىۋاتمامدۇ؟!

خىتاينىڭ روھىنگا مەسىلىسىدە بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللاشتىكى مەنپەئەتنى شۇ: خەلقئارادا روھىنگا ، سۈرىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەۋج ئېلىشى ؛ شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى خەلقئارا سەھنىدىن ئۇزاق تۇرغۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى؛ بۇ ئەينى ۋاقىتتا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا دۇنيادا تۆمۈر مۇش ھاكىمىيەتنىڭ يالغۇز خىتاي ئەمەسلىكى تەسىرىنى يارىتىپ، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى دىكتاتور ھاكىمىيىتىنى خەلقئارا جامائەتكە ۋە ئۆز پۇقرالىرىغا قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى. بۇ يەنە ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنى دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىد ئۈزدۈرۈشنىڭ بىر چارىسى.

خىتاينىڭ روھىنگا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى دىققەتكە ئېلىنماسلىقى، پىكرى ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى، كۆرسەتكەن يولى تۇتۇلماسلىقى كېرەك!

Leave a Comment

*

*