«مۇقىملىق» ئۈچۈن ئىلىدىكى دۇكاندارلارغا توقماق تارقىتىلغان

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىلى دىيارىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىلى ۋادىسىدىكى ھەممە ناھىيىلەردە دېگۈدەك كادىرلار كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغان، دوقمۇش-دوقمۇشلاردا ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى قۇرۇلۇپ، 24 سائەت كۆزەتچىلىك قىلىدىغان جىددىي ئەھۋال شەكىللەنگەن. قىزىقارلىقى شۇكى، يەرلىك دائىرىلەر غۇلجادىكى دۇكاندارلارغىمۇ كالتەك-توقماق تارقىتىپ، ئۇلارغا «ئومۇمىي خەلق مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك ساقچى خادىملىرى، شەھەر كوچىلىرىدىكى دوقمۇشلار ۋە يېزىلاردىكى كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە كوچىلاردا قوراللىق ساقچىلار ۋە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى، يېزىلاردا خەلق ئەسكەرلىرى ۋە كادىرلارنىڭ ساقچىلارغا ياردەملىشىپ مۇقىملىقنى ساقلايدىغانلىقى ھەتتا شەخسى تىجارەت قىلىدىغان دۇكاندارلارغىمۇ كالتەك-توقماق تارقىتىلىپ، ساقچى-خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «مۇقىملىقنى ساقلاش مانېۋىرى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ ئىلى دىيارىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆزىنىڭ ئەركىن بازاردا دۇكان ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، ئۆزىگە ئوخشاش دۇكاندارلارغىمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى توقماقلار ۋە جىددىي پەيتتە سىگنال بېرىشكە لازىم بولىدىغان پۇشتەك تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇداپىئە سىگنالى چېلىنغان ھامان دۇكاندارلارنىڭ دۇكانلىرىنى تاقاپ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردىمۇ ساقچى قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ ھەممىلا يەردە ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ خانىم يەنە ھازىر يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ خىل ھالەتتىن ئەدەپلىنىش ھېس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى يول بويلىرىغا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ھەققىدە توختالغان يەنە بىر ئۇيغۇر، يول تەكشۈرگۈچى ساقچىلارنىڭ ئۆزى خالىغان ئاپتوموبىللارنى توختىتىپ، يولۇچى-شوپۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىلى دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندا يولغا قويۇلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە قارىتا ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال مۇلازىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ خىل مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: يېقىندىن بۇيانقى مۇقىملىق تەدبىرلىرى قانداق؟
ئايال مۇلازىم: ياخشى.

مۇخبىر: بىز توردىن ھەر 200 مېتىردا ساقچى قاراۋۇلخانىسى بارلىقى ۋە چارلاپ يۈرگەن ساقچىلارنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆردۇق، ساقچىلار جىقمۇ؟
ئايال مۇلازىم: شۇنداق، ساقچىلار جىق.

مۇخبىر: ساقچىلار ۋە ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى كۆپ بولغان ئەھۋالدىن سىز راھەتسىزلىك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
ئايال مۇلازىم: ياق، مەن راھەتسىزلىك ھېس قىلمىدىم .

مۇخبىر: سىزنىڭچە مۇقىملىق تەدبىرلىرى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟ سىزچە بۇ نورمالمۇ؟
ئايال مۇلازىم: بۇ مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھەممىلا جايدا ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى بار. ئادەتتە بايرام بولمىغان مەزگىللەردىمۇ بۇ خىل ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى ئىش بېجىرىدۇ، ساقچىلار كوچىلاردا چارلاپ يۈرىدۇ.

مۇخبىر: بۇ خىل ۋەزىيەت قاچاندىن بۇيان باشلاندى؟
ئايال مۇلازىم: بىر يىل ئىلگىرىلا باشلانغان.

مۇخبىر: سىز بىر خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلامسىز.
ئايال مۇلازىم: شۇنداق، ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلىمەن.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ھۆكۈمەت مۇقىملىقنى مۇشۇنداق ساقلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى كەڭرەك سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكمۇ؟
ئايال مۇلازىم: سىز نېمە مەقسەتتە بۇنداق سوئال سورايسىز؟

مۇخبىر: مەن خەنزۇلارنىڭ بۇ خىل ھالەتكە كۆنگەن ياكى كۆنمىگەنلىكىنى بىلمەكچى.
ئايال مۇلازىم: بىز ھەممىمىز بۇ ھالەتكە كۆنۈپ كەتتۇق، بۇنىڭدىن قورقۇش ھېس قىلمىدۇق.

مۇخبىر: بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلدۇق دېمەكچىمۇسىز؟
ئايال مۇلازىم: شۇنداق، قوبۇل قىلدۇق.

ئەمما مېھمانخانىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان بۇ خادىمى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئىنكاستا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ئىنكاسلاردا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەرنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى مەلۇم، سىلەر خەنزۇلار بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
ئايال مۇلازىم: ئۇيغۇرلارمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكى ماڭا ئېنىق ئەمەس، مەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.

ھالبۇكى، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قاغىلىق ناھىيەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي سودىگەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىكىدىنلا مەھرۇم قىلىپ قالماستىن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىنىمۇ ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ خىل ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، غەرب تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتۈنلەي «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيوسى (NPR) نىڭ 26-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي شىنجاڭنى قامال قىلدى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋىرىدە ، NPR مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بىردەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە مۇخبىر روب ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەيداندا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرنىڭ ئېھتىيات قىلغىنى ئۈچۈن راست گەپ قىلمايۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆچمەن خىتايلارنىڭ بەزىلىرى بۇ خىل مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يەنە بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ خىل قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سودا-سېتىق ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغانلىقى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆپلىگەن بايانات ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلماقتا. بۇ دوكلات ۋە باياناتلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تەنقىد قىلىنماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*