مىسىردىن ئايرىلغان بىر ئوقۇتقۇچى: خىتاينىڭ ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىشى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى بۈگۈن مىسىردىن 8 ئاي بۇرۇن ئايرىلغان، مىسىردىكى مەزگىلىدە ئەزھەردە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خۇسۇسى كۇرسلاردا دەرس بەرگەن ئابدۇللا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ئابدۇللا ئەپەندى ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت بىر ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى خەلقئارا ئاخباراتقا چىققاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن مىسىردا ئاتالمىش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخبارات ۋە باياناتلىرىدا مىسىردىكى تۇتقۇندا ئۆزلىرىنىڭ قولى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەسىلەن: خىتاينىڭ مىسىر ئەلچىخانىسى ئالدىنقى كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىسىردا كۆچمەنلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلەر جەھەتتە ئۆزلىرىگە پۇختا بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان. مىسىردىن 8 ئاي بۇرۇن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئەپەندى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىسىردا كۆچمەنلەرگە قارىتا باشقۇرۇش كۈچەيگەن ئەھۋال يوق، پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەزھەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە مىسىردىن ھەيدەش ئىجرائاتى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇشتۇمتۇتلا يۈز بەرگەن ئەمەس؛ خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىسىردىن كېتىش ھەققىدە تەۋسىيە ۋە تەنبىھلەرنى بەرگەن ۋە تەھدىتمۇ سالغان.

مىسىردىن بىر ئاي بۇرۇن ئايرىلغان، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىق سابىق ئوقۇغۇچىسى بۇمەريەممۇ، خىتاي تەرەپ ئەۋەتكەن ئۆمەكنىڭ ئۆزى ۋە ساۋاقداشلىرىغا مىسىردىن ئايرىلىش ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن خەت ئەكېلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ تەلەپ پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىلا قويۇلغان. باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن تۇنگان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇنداق شەرت قويۇلمىغان. ئەلچىخانىدىن خەت ئەكىلىش تەلىپى بۇلتۇر مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرنىڭ ئەزھەردە ئوقۇش چۈشىنى بەربات قىلغان. بۇلار مەكتەپ سىرتىدا ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرغان. بۇنىمۇ ئارتۇقچە كۆرگەن خىتاي دائىرىلىرى مىسىرغا ئۆمەك ئەۋەتىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە زورلىغان.

دائىرىلەر، ئۆمەك ئارقىلىق تەھدىت سېلىش تەدبىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشقا باشلىغان. بىزنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئىبراھىم مەمەتنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

يۇقىرىقى پاكىتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە دۇنياغا ئاشكارىلانغان مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىش ۋە يۇرتىغا قايتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى بولۇپ، بۇ پەقەت مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارقىلىپ بولغاندىن كېيىن، قېپقالغان ئاز بىر قىسمىغا قارىتا ئىجرا قىلىنغان. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلتۇر يىل بېشىدىكى سانى 3500-4000 ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە قېپقالغانلىرى 50-60 چە بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*