ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى گۈلمىرە ئىمىنگە ئاتاپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جوللېي خانىم ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۈلمىرەنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈردى.

ئۇ، خېتىدە 8 يىل ئاۋۋالقى 14-ئىيۇل كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلمىرە ئىمىننى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى يازدى.ئۇ، ئوچۇق خەتتە مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ ئوچۇق خەتنىڭ سىزگە تەگمەيدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، مەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر كومىسسارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىز ئۈچۈن قىزغىن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈشنى خالىدىم. ھەردەم سىزدىن نەچچە ئايلىقلا چوڭ بولغان ئۆز قىزىمنىڭ چېھرىگە باققىنىمدا، سىزنىڭ تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنىشىڭىزدىكى ئادالەتسىزلىك كۆڭلۈمدىن كېچىدۇ ھەمدە سىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىرادەم كۈچىيىدۇ.»

گۈلمىرە ئىمىن ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇز قازىنىشقا باشلىغان «سەلكىن تورى» نىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ 2009-يىلى 14-ئىيۇل «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا چېتىپ قولغا ئېلىنغان ھەمدە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، «قانۇنسىز نامايىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىپ، 2010-يىلى ئاپرېل ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ساندرا جوللېي خانىم خېتىدە گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە يۇقىرىقى تەپسىلاتلار ھەققىدىمۇ توختالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ بىردىن-بىر جىنايىتىڭىز ئۇيغۇر مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى بىر ياش باشلامچى بولغانلىقىڭىزدۇر.»ئۇ، خېتىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان چەكلىمە سىياسەتلىرىدىن تولىمۇ ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ چەكلىمىلەر پاجىئەلىك ھالدىكى خاتالىق ۋە نۇقسانلار بىلەن تولغان سىياسەتلەرنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سىز مەنسۇپ بولغان جامائەتنى ئادەم قوبۇل قىلىقىنى بولمايدىغان دەرىجىدە باستۇرۇۋاتىدۇ، كۆپلىگەن ئادەملەرنى ئۆزلىرى دىنىي ۋە باشقا زوراۋان ئەسەبىيلىك دەپ قارايدىغان ھەرىكەتلەرگە قارىشى تۇرۇش كۆرسەتمىسى بويىچە جازا ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. سىزنى كۆپ قاتلاملىق خىتاي جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت سىزنى ۋە باشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، جازالاۋاتىدۇ، باستۇرۇۋاتىدۇ.»

ئۇ، ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا گۈلمىرەنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ، بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە گۈلمىرەنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈلمىرە، مەن سىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن. مەن، سىز ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئۆزۈمنى ئاتىۋەتتىم، شۇنداق بولغاندىلا سىز ئائىلىڭىز ۋە ئۆز جەمئىيىتىڭىز بىلەن قايتا جەم بولالايسىز. مەن سىز ھۆرلۈككە ئېرىشكەن كۈننى زارىقىپ كۈتىمەن.»

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىل ئاپرېل باشلانغان 11 كىشىلىك ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىزىملىكىگە گۈلمىرە ئىمىننىمۇ كىرگۈزگەن. مەزكۇر پروگراممىنى باشلاش مۇراسىمىدا ساندرا جوللېي خانىم سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشە چاقىرغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*