خوتەندىكى ئۇيغۇر ساقچى: «ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ!»

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىرقانچە جايلىرىدىكى ساقچىخانىلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۆتكەن يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، 48 سائەتلىك «ئۇدا چارلاش» نىڭ ساقچى، كادىر ۋە ئامانلىق خادىملىرىنى ھالىدىن كەتكۈزگەنلىكى توغرىلىق شىكايەت قىلغان.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تەۋەلىكتىكى «نۇقتىلىق نوپۇس» لارنى قانداق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان:

«بىر نەپەر ‹نۇقتىلىق نوپۇس› نى، يەنى گۇمانلىق شەخس تىزىملىكىدىكى بىر كىشىنى ھازىر 5 ئادەم نازارەت قىلىمىز. يەنى ساقچى، ياردەمچى ساقچى، كەنت كادىرى ۋە كەنت ئامانلىق خادىمى بولۇپ 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ‹نۇقتىلىق نوپۇس› قا كۆزەتچىلىك قىلىش تورىمىز بار… ئۇنىڭدىن سىرت، مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن كەنتلەردە تۇرۇۋاتقان كادىرلار كۈندە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، كەنت كادىرلىرى كۈندە ئۇلارنى يوقلىما قىلىدۇ. قاتتىق زەربە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋە ئىلگىرى تۈرمىگە كىرگەن ياكى 5-10 يىلدىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىپ چىققانلارمۇ ‹نۇقتىلىق نوپۇس› تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنى بۇندىن كېيىن ئىش تېرىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداقلارنى ئادەتتە يېزا تەۋەسىدىن چىقارمايمىز. ئەگەردە ئېغىر كېسەل ياكى جىددىي ئەھۋالدا بولسا كەنت كادىرى، ئامانلىق خادىمى ۋە سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن خوتەنگە ياكى باشقا ناھىيەگە بېرىپ داۋالىنىشىغا يول قويۇلىدۇ. بولمىسا، ئادەتتە كەنتتىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدىغان گەپ!»

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچى مۇنداق دېگەن:

«ئادەتتە ‹نۇقتىلىق نوپۇس› لارنىڭ ئىشىنى ساقچىلار كەنت كادىرلىرى بىلەن ماسلىشىپ كونترول قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتىم يوق. ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. ھەرقانداق كىشى يېزا تەۋەسىدىن ئايرىلماقچى بولسا تەكشۈرۈش پونكىتى (گاڭپېڭ) دىن ئۆتمەي چىقالمايدۇ. بۇ يەردە ئىككى دانە ئاپتوماتىك سىگنال قايتۇرۇش ماشىنىسى ئورنىتىلغان. كىشىلەر ئادەتتە كىملىك كارتىسىنى سۈركەپ ئۆتىدۇ. ‹نۇقتىلىق نوپۇس› لارنىڭ كىملىكى ماشىنىغا سۈركەلگەن ھامان سىگنال قايتۇرىدۇ.»

ئۇ يەنە زىيارىتىمىز جەريانىدا كەنتلەردە ھەر 10 ئائىلىنىڭ بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە «چاتما جاۋابكارلىق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.

گۇمىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن تەۋەلىكتىكى چارلاشنىڭ ئەڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ھەر كۈنى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان كەنتتىن 5 ئائىلىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بار-يوقلۇقى، ئۆيىدە ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقى ھەمدە سىم يولىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

موكۇيلا ساقچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تەۋەلىكتىكى كەنت ۋە مەھەللىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كېچىلىك «چارلاش» ئادەتتە 3 گۇرۇپپا خادىملارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يەنى يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر نەپەر مەسئۇل ساقچى ۋە 3 نەپەر ياردەمچى ساقچى شۇنداقلا ھەر بىر كەنتتە 10 نەپەردىن تەشكىل قىلىنغان «خەلق ئەسكىرى» (مىنبىڭ) بىرلىشىپ كېچىلىك چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن. «چارلاش» نىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەۋەلىكتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىرتتىن كەلگەن «گۇمانلىق» كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تىنتىشقىمۇ قارىتىلغان ئىكەن.

ساقچىخانا خادىملىرى يەنە «كېچىلىك ئومۇمىي چارلاش» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۈندۈزدە ھەر بىر مەھەللىدىن «5 ئائىلىنى نۇقتا قىلىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈندە 5 ئائىلىنى تاللاپ نۆۋەت بويىچە تەكشۈرۈش ئىشى ساقچىخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئىش كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىگە يۈزلىنىشنى ھېچقاچان خالىمايدىغان بىر زوراۋان ھاكىمىيەت،» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل تەقىب سىياسىتى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئەسلىتىدۇ، دېگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 

Leave a Comment

*

*