قاغىلىقنىڭ لوق يېزىسىدا 27-فېۋرال كۈنى ۋەقە چىققانلىقى دەلىللەندى

چەتئەلدە تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر نىداسى تور رادىيوسى ئۆتكەن ھەپتە، 27-فېۋرال كۈنى قاغىلىقنىڭ لوق يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش چىققانلىقى، توقۇنۇشقا كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ خۇپتەن نامىزىدىن قايتقان جامائەتكە زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەب بولغانلىقى، توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن بەلگىلىك ساندا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش بولغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بەردى. مۇخبىرىمىزنىڭ قاغىلىقتىكى ساقچىخانىلارنى زىيارەت قىلىشى داۋامىدا لوقتا 27-ياكى 28-چېسلا كۈنى بىر ۋەقە چىققانلىقى دەلىللەندى. ئەمما، ۋەقەدە ئۆلگەن يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بولمىدى.

ئۇيغۇر نىداسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئالاقىدار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋەقە سادىر بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، جۈملىدىن ۋەقەدە ئېنىق ھالدا قانچە كىشى ئۆلۈپ قانچە كىشى يارىلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر خەۋەردە پاكىت ۋە مەنبە كۆرسىتىلمىگەن ھالدا ۋەقەدە 20 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ھۈججىتى يۇقىرقى  ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق بېرىلدى

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

 

Leave a Comment

*

*