ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونى كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە چېقىۋېتىلىدىكەن

خىتايلار «نەنمېن» دەپ ئاتاۋاتقان جەنۇبىي قوۋۇق رايونى يەنى ھازىرقى خەلق تىياتىرى جايلاشقان ئورۇندىن تاكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچتاشقىچە بولغان جايلار ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى تەشكىل قىلغان.

بۇ رايون يېقىنقى بىرقانچە ئەسىر مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ بۇرۇنقى كونسۇلخانىلىرى، دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاقبېشى قاتارلىق داڭلىق بازارلار ۋە خانتەڭرى، ئاقمەسچىت، بەيتۇلمەمۇر قاتارلىق تارىخىي مەسچىتلەر ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىللىي تۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى بۇ رايونغا جايلاشقان.

ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ 130 مىليارد سوم مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرماقچى بولغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلقئارا ئىقتىساد ئىلمى مۇتەخەسسىسى، دوكتور پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئەڭ مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئەگەردە خىتاي ئۈرۈمچىنى قانچىلىك دەرىجىدە خىتايلاشتۇرالىسا، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئۈرۈمچى كونا شەھىرىنىڭ چېقىلىشى توغرىلىق ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ رايون ئايرىمىسى گەرچە تارىختا شەكىللەنگەن ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى كەسكىن ئايرىلىش «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىكەن.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن كۆچۈرۈپ كېتىش ئىشىمۇ بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېتىشى، ئۇنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي ئاتموسفېراسىغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرىگە خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئىقتىسادشۇناس پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئەسلىدىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار شەھەردىن ھازىرقى كۆچمە نوپۇسنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5 مىليون نوپۇسلۇق بىر چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇشى، شەھەر تەرەققىياتىدىكى تەبىئىي بولمىغان ئەھۋال ئىكەن. بۇنداق سۈنئىي رەۋىشتە چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش ئۈلگىسى دۇنيا شەھەر قۇرۇلۇشى تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەمەسكەن.

ئۇ، ھازىرقى خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئازىيىشى شۇنداقلا خىتايدىكى شەھەر نوپۇسىنىڭ يېزا نوپۇسىدىن ئارتىپ كېتىشى سەۋەبلىك چېگرا رايونلارغا داۋاملىق ئاھالە كۆچۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ياكى تىبەت قاتارلىق جايلارغا خىتاي ئاھالىلىرىنى تۈركۈملەپ كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يەنە 10 يىلدىن كېيىن خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشى خۇددى قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشىغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەيدۇ.

دوكتور پەرھات بىلگىن ئەپەندى ئاخىرىدا، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ياكى شەھەرنىڭ ئۆزى بىر چوڭ بايلىق، دەيدۇ. ئۇ، ئەگەردە ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئومۇميۈزلۈك چېقىلىپ تارقاقلاشتۇرۇلسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايلىقىمۇ تارتىۋېلىنغان بولىدۇ، دېگەن قاراشلارنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*