د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى 23-يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلاندى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەمدە قۇرۇلتاي تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشى 22-يانۋار كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، 23-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى؛ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ياۋروپا كومىسسىيەسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ھالدا كېلەر ئايلاردا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك ياۋروپا پارلامېنتى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ دائىملىق كۈنتەرتىپىدە تۇتۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن كىشىلەرنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

23-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق مەسئۇللىرى چۈشتىن بۇرۇن ئۇ ن پ ئو (ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىن ئۇ ن پ ئو نىڭ بۇ يىل يازدا چاقىرىلىدىغان 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ھازىرلىق قىلىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇ ن پ ئو نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، ئەھدىنامىسى، خىزمەت فۇنكىسىيونى، ئەزا مىللەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈش، ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسىنى ھازىرلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە تېمىسى قىلغان. يىغىنغا ئۇ ن پ ئو رەئىسى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندى يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 11 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى قاتناشتى. ئۇيغۇرلار ئۇ ن پ ئو نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ھەمدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى بولغاچقا، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ خاس يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

45 دىن ئارتۇق خەلق ۋە مىللەتتىن ئەزاسى بولغان، دۇنيادا 150 مىليون خەلققە ۋەكىل بولۇپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇ ن پ ئو نىڭ بۇ يىغىنىدا يەنە ئوخشىمىغان مىللەت، دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردىن تاللاپ سايلانغان ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى«قانداق قىلغاندا ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەر مەسىلىسىنى ب د ت، ياۋروپا بىرلىكى ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا تەسىر قوزغايدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش»توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدىكى تەھلىل-قاراشلىرىنى شەرھىيىلەشتى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىشتى.

ئۇ ن پ ئو رەئىسى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ يىغىن 10-نۆۋەتلىك ئۇ ن پ ئو يىغىنى ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىش ۋە 2006-يىلى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇ ن پ ئو يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان تەشكىلات نىزامنامىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ، زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. چۈنكى 10 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇ ن پ ئو نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە تەركىبىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۇ ن پ ئو نى بۈگۈنكى زامانغا، رېئاللىققا ماس بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلماقتىمىز».

ئۇ ن پ ئو نىڭ بۇ يىغىنى توغرىسىدا توختالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇ ن پ ئو نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى ۋە ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ ياردەملەردە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى داران دەريا خانىم ۋە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كىرىستوف فوراكىس ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. بۇ بۆلۈملەر ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئورگان بولۇپ، سۆھبەتتە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىگە ئائىت ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى ھەمدە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*