خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانىدىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى مەلۇم

ئۇيغۇر رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ 9-ئايدىن باشلاپ يۈرگۈزۈۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى بويىچە، ھەر بىر خىتاي كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر تۇغقىنى بولۇش، ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا گەرچە ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى «قوشماق تۇغقان» دارچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىق، يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كەلگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن، چېن چۇەنگونىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ ئۆزى كۈتكەندەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى مەلۇم. پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەت بىلەن يولغا قويۇلغان بۇ خىل سۈنئىي تۇغقانچىلىق، بەزى جايلاردا دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىغا ۋە نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ خىل قارشى پىكىرلەرنى يوشۇرغاندىن سىرت، مەجبۇرلاش، بېسىم قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان ئىكەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەتبۇئاتلىرى بارلىق تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا چېن چۇەنگو يولغا قويغان قوشماق تۇغقان سىياسىتى ھەققىدە تەشۋىقات خەۋەرلەر بېرىلىپ، چېن چۈەنگو تەشەببۇس قىلغان «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىپ، رايوندا مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق ۋەزىيەت بەرپا قىلىنغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ سۈنئىي بەرپا قىلىنىۋاتقان بىر يالغان ئىناقلىق ئىكەنلىكى كىنايىلەر ھەتتا بىۋاسىتە نارازىلىق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

رادىيومىزغا يېڭى كەلگەن بىر ئىنكاسقا قارىغاندا، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كېلىشى بىلەن يېزىلاردىكى «قوشماق تۇغقان» دارچىلىقنى تەشۋىق قىلىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تو‏پ-توپ يېزىلارغا چۈشكەن بولسا، يەنە بەزى يېزىلاردىكى دېھقانلار شەھەر، ناھىيىلەردىكى تۇغقاندارچىلىق ئورناتقان كادىرلارنىڭ ئائىلىسىگە، ئائىلە بويىچە بالىلارنىمۇ ئېلىپ چاغاننى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما يېزىلاردىكى بەزى دېھقانلار مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئامالسىزلىقتىن «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن سوۋغات ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تۇغقان قىلىپ قويغان خىتاي كادىرلارنى ئۇزىتىپ بولۇپلا، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوغا-سالاملىرىنىمۇ تاشلاپ، تۇغقانلىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي كادىرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان قازان-قومۇش، چىنە-قاچا، ئورۇن-كۆرپە ھەممىنى تاشلاپ، يېڭىلاپ بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىق ۋە بىزارلىقىنى ئىپادە قىلغان. قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كادىرلار ئۈچۈن بۇ خىل قارشىلىقلار چوڭ باش ئاغرىقى بولغان بولۇپ، ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىغانلار ھەر خىل جازاغا ئۇچرىغان بولسا، دېھقانلار ھەتتا تەھدىتكە ئۇچرىغان. بەزى يەرلىك كادىرلار تۇغقاندارچىلىقنى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇر دېھقانلارنى ھۆكۈمەت تەمىناتىنى قىسىش، تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى بەرمەسلىك، ھاشارغا ھەيدەش دېگەنگە ئوخشاش تەدبىرلەر بىلەن خىتاي كادىرلار بىلەن تۇغقان بولۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئىكەن.

بىزگە يەتكەن ئىنكاسقا ئاساسەن، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن خىتاي كادىر بىلەن قوشماق تۇغقان بولۇشقا كۆنمەي، ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن مەھرۇم قالغان بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولسا قوشماق تۇغقان بولىدىغانلىقى، خىتاي كادىر بىلەن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۈندىدار تورىدىكى بىر ئىنكاستا «قارىغاندا بۇ يىل چاغان راسا قىزىيدىغان بولدى ‹قوشماق تۇغقانلار› ئۆز-ئارا يوقلىشىپ، بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، گازىر چېقىپ، چاغاننى كۈتۈۋالغۇدەكمىز، بېشىمىزغا بۇ كۈنلەرمۇ كەلدى….» دېگەن كىنايىلىك ئىنكاسنى يازغان.

مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق سۈنئىيلىكنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ دېگەن سوئال ھەممىگە ئورتاق بولسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇ خىل سىياسەتكە ئاشكارا ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى خوتەن لاڭرۇ يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولدى.

بۇ كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، قوشماق تۇغقان بولۇش دېھقانلارغىلا ئەمەس، كەنتتىكى ئۇيغۇر كادىرلارغىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ كادىرنىڭ ئائىلىسىمۇ نامرات بولۇپ ئۆزىمۇ خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر خىتاي كادىر بىلەن تۇغقان قىلىپ قويۇلغان.

تىبەتتىن يۆتكەپ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كېلىنگەن چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» چاقىرىقى ۋە بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىمۇ نارازىلىق ئىنكاسلىرى قوزغىغاندىن باشقا چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ «بۇ خىل سۈنئىي ئىناقلىقنىڭ رايوندا تىنچلىق ئەمەس، ئەكسىچە نارازىلىق تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەندەك تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكىلىپ كېلىنگەن چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قاتار يېڭى سىياسەتلىرى خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى ھەمدە تەنقىدىنى قوزغىماقتا، يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلاردىن گېرمانىيەدىكى پەرھات مۇھەممىدى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئىلگىرى تىبەتتە ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشەببۇسى ۋە «قوشماق تۇغقان بولۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ‹قوشماق تۇغقان› ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ «ئېتىقادى ۋە ئۆرپ‏-ئادەت جەھەتتە خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەرنى خىتايلار بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇرلاش، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇققا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، ئېغىز دەپسەندىچىلىك، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ‹قوشماق تۇغقان ھەرىكىتى› ئەمەلىيەتتە مىللىي ئىناقلىقنى تېخىمۇ بۇزۇپ، ئۆز-ئارا سەسكىنىش، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، تېخىمۇ شىددەتلىك نارازىلىق قارشىلىقلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دەپ تەنقىد قىلدى. پەرھات ئەپەندى يەنە، بۇ نامۇۋاپىق، كۈلكىلىك ھەقسىز، تەدبىرلەر گەرچە چېن چۇەنگو نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇزۇن يىللاردىن داۋاملىشىپ كەلگەن سىستېمىلىق يوقىتىش، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى دەپ شەرھلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*