رابىيە قادىر : ھازىر لاگىرلارنى تەكشۈرەيدىغان ئەمەس، تاقاش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتىدىغان چاغ

خىتاي تەرەپ ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش تەلىپىگە قېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا ياۋروپانىڭ » ئىنسان ھەقلىرى لېكسىيىسىنى» ئاڭلىمايدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىدى. خىتاي تەرەپ يەنە » ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئايلىنىپ بېقىش ۋە قاراپ بېقىشىغا (To walk and take look) بۇرۇندىنلا قېتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنى پەقەت يۈزەكى كۆزدىن كەچۈرگۈزۈش پىلانى بارلىقى ۋە لاگىرلاردىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ھەممىگە ئايانكى خىتاي لاگېرلار قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتىدۇ؛ خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا دېگەندەك ئۆتكەن يىللاردا 50 نەچچە ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىنىڭ دىپلومات ۋە ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى «تەكشۈرۈشى»گە يول قويغان. ئەمما ئالبانىيەلىك ژۇرنالىست ئولسى يازىجىنىڭ پاش قىلغىنىدەك، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى موھتاجلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئالداش، سېتىۋېلىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان، ھەتتا تۇتقۇنلاردىن سوئال سورىشىغىمۇ قارشى چىققان . نەتىجىدە مەزكۇر تەكشۈرگۈچىلەر ھەقىقىي لاگېرلارنى ئەمەس خىتاي تەييارلىغان سۈنئىي سەھنىلەرنى كۆرۈپ قايتقان ؛ ئەلۋەتتە ئولسى يازىجىغا ئوخشاش ھەقىقىي ژۇرنالىستلار بۇ سەھنىلەردىنمۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى كۆرەلىگەن؛ ئەمما تەكشۈرگۈچىلە رنىڭ كۆپىنچىسى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئاۋازىنى چىقارمىغان، ئاز بىر قىسمى نەق خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە لاگىرلارغا مەدھىيە ئوقۇغان. نۆۋەتتە خىتاي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قوللانغان بۇ ئېغىز تاقاش تەدبىرىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ سىناپ باقماقچى؛ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئاقلىماقچى.

ئەمەلىيەتتە بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تەكشۈرەيدىغان مەزگىل ئەمەس، بەلكى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋە لاگېرلارنى تاقىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىدىغان مەزگىلدۇر. چۈنكى بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىر ئەمەس: دۇنيانىڭ ئەڭ ئالىي تەتقىقات ئورگانلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ ئاز دېگەندە 236 لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ بولدى؛ دۇنيادىكى 12 ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن تەشكىللەنگەن رازۋېدكا ژۇرنالىستلار ، مەزكۇر لاگېرلاردا خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق مەزكۇر لاگېرلاردا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېغىر قىيىن-قىستاق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى. . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 20دىن ئارتۇق لاگىر شاھىتى بۇ لاگىرلارنىڭ بىر ئۆلۈم لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى كەچمىشلىرى ئارقىلىق پاش قىلدى؛ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىر ئۆز ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلدى. مانا مۇشۇنداق پاكىتلار ئاشكارا مەۋجۇت ئىكەن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا يەنىمۇ كۆپلەپ قازا قىلىشىغا كۆز يۇمۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ بۇ دەۋىتى ئۈستىدە جىددىي ئويلىشىشقا، خىتاينىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى ئىمكانسىز قىلىدىغان بارلىق شەرتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمەن.

Leave a Comment

*

*