رابىيە قادىر: كۇۋەيت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زالىمغا قارشى ھەقنى سۆزلەش جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن

بىز ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى لاگىرغا سولىۋېلىشىغا ئەلۋەتتە غەزەپلەندۇق، ئەمما ھەيران قالمىدۇق، چۈنكى نىيەتلىرى- ئۇيغۇر مۇسۇلمالىرىنى يەر-يۈزىدىن يوقۇتۇپ شەرقى تۈركىستان تۇپرىغىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەبەدىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش قەستى بىزگە بۇرۇندىنلا ئايان ئىدى. ئەمما بىزنى ئەڭ ئەجەپلەندۈرگىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەزىيىتىمىزگە پەرۋاسىزلىقى بولسا، ئەڭ ئازاپلىغىنى ۋە قەلبىمىزنى يارا قىلغىنى كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىزنى يوق قىلىش پلانىنى خەلقئاارا سەھنىلەردە ئاشكارا قوللىشى بولغان ئىدى. شەخسىي ھېسسىياتىمنى بايان قىلسام، ئىمان ۋە ئېتىقادىمنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئازاپلارغا سەۋر قىلالدىم ، بەرداشلىق بېرەلىدىم؛ ئەمما ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە، دىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىمىزغا بولغان سەمىيىتىدىن ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى. قاتار دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن چېكىنىشى، مېنى شۇ ئۆمىدسىزلىكتىن بىر رەت قۇتۇلدۇرغان ئىدى؛ ئەمدى كۇۋەيتتىكى مۇھاممەد ھايفى قاتارلىق 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى ۋە ئىسلام دۇنياىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەق تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىشى، قەلبىمدىكى جاراھەتكە يەنە بىر قېتىم مەلھەم بولدى. ئىشىنىمەنكى ، مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ چوقۇم مەن بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا. شۇڭا تارىخىمىزدىكى ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج كۈنلىرىمىزدە ، بىزگە بۇ تەسەللىنى بەرگەن مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىغا، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر ۋەكىلى سۈپتىدە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى، ئۆز ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ئوچۇق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەرنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. مانا مۇسۇلمام دۇنياسىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەق ۋە ئەقەللىي تەدبىرلەردۇر. بۇ چاقىرىقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دىنىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، ئىنساندارچىلىق، دۇرۇس سىياسەت ۋە ھالىقلىق دىنىي پرىنسىپلىرىمىزنى قوغداش ۋە يۈكسەلتىش نۇقتىسدىنمۇ قىممەتلىكتۇر. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، بۇ چاقىرىق دۇنيادىكى بەلگىلىك مەنپەئەت گۇرۇپپلىرىنى بىئارام قىلىشى تەبىئىي؛ بولۇپمۇ خىتاي ۋە خىتاي شېرىكلىرى بۇ پارلامېنت ئەزالۇىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشى مۈمكىن. يېرىم ئەسەىرلىك ھاياتى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن، بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپتىم بىلەن مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان توزاق ۋە توساقلارغىمۇ تەييار تۇتۇرۇشقا چاقىرىمەن.
ئاخىرىدا بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زالىمغا قارشى ھەقنى سوزلەش جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىللە ، ھەقتە چىڭ تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
2019-12-25

Leave a Comment

*

*