رابىيە قادىر: خىتاينىڭ دۆلەت تېرورىغا ئۇيغۇرلار باش ئەگمىدى، خوڭكوڭلۇقلارمۇ باش ئەگمەيدۇ

شى جىڭپىڭ ، تۈنۈگۈنكى سۆزىدە خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلانىڭ تېنىنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى، سۆڭەكلىرىنىڭ ئېزىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئېنىقكى بۇ تىپىك بىر تېررور دۆلىتىنىڭ باياناتىدۇر. شى جىنپىڭ بۇ تەھدىتى ئارقىلىق، ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىنجىمايۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنى باش ئەگدۈرمەكچى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ماڭا ئوخشاش مىڭلارچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى. شۇنى جاكارلايمەنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرى، 70 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستان خەلقىنى باش ئەگدۈرەلمىدى، خوڭكۇڭلۇقلارنىمۇ باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.
بۇ بايانات، خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتا يېڭى، ئەمما بىزگە -ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى ئەمەس؛ بىز زېمىنىمىز ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان بۇ خىل باياناتنى ئاڭلاپلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىجرائاتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز؛ بېشىمىزدىن كەچۈرگەنسېرى، بۇ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنىڭ مۈكىنسزلىكىنى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىپ كەلدۇق ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە چىش-تىرنىغىمىز بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ باياناتىنىڭ ئۆزىلا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىشىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىكلىكى، خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكنىڭ كۈچلۈك بىر ئىسپاتى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەھدىتى، نۆۋەتتە خىتايدا ئۇيغۇرغا ئوخشاش بەزى مىللەت ۋە خوڭكوڭغا ئوخشاش بەزى رايونلاردا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ نەقەدەر ئومۇمى ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن نەقەدەر ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئېتىراپ قىلىنىشى.
خىتاي كومپارتىيىسى بۈگۈن ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا دۆلەت سىرتىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى، دۆلەت ئىچىدە بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدىغان مىللەتلەرنى خىتاي خەلقىگە خەتەرلىك دۈشمەن دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي خەلقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى خىتاي كومپارتىيىسى ؛ چۈنكى بۈگۈن ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ، ئوتتۇرا شەرق ۋە پۈتۈن ئاسىيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقلەرگە نېسىپ بولغان ئۆز دۆلەت پرېزدېنتىنى ئۆزلىرى سايلاش ، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقى تېخىچە خىتاي خەلقىگە نېسىپ بولغىنى يوق. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ۋە پارتىيىسىنىڭ خىتاي خەلقى ئالدىدىكى بۇ جىنايىتىنى يېپىش ئۈچۈن، بۈگۈن دۆلەت پۈتۈنلۈكى شوئارىنى كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۆمرىنى ئۇزاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. تەيۋەننىڭ بۈگۈنكى دېموكراتىك ھاۋاسى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەركىنلىكى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي خەلقىمۇ دېموكراتىك بىر دۆلەت قۇرۇش سالاھىيىتى ۋە ساپاسىغا ئىگىدۇر؛ خىتاينىڭ تاپىنى ئاستىدا يانجىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر مۇستەقىل ياشاشقا ھەقلىقتۇر ۋە قادىردۇر. خىتايدىكى بارلىق خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەققى ۋە كۈچىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت قۇرۇشى، خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى. 21 ‏-ئەسىردە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ بىر دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە دۆلەت رەئىسلىك تەختىدە سايلامسىز ۋە ئەبەدىي ئولتۇرۇۋېلىش شى جىنپىڭنىڭ چۈشىدۇر، ئەمما خىتاي خەلقىنىڭ چۈشى ئەمەس.

مەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنى رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلمىغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يىقىلىشقا مەھكۇملۇقىنى تېزدىن تونۇشقا ؛ لېننىڭ گۈزەل ۋەدىلىرى ۋە ستالىننىڭ تەھدىتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئۇلىنى چىڭىتالمىغانلىقىدەك ؛ مىلوسوۋىچنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقى يۇگوسلوۋىيەنى تىرىلدۈرەلمىگەنلىدەك ئەڭ يېقىندىكى تارىخىي ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىمەن.
ئاخىرىدا خەلقئارا ئورگانلارنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى قىلىدىغان ۋە دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل دۆلەت تېرورى باباياتلىرىغا چەكلىمە قويۇشقا ۋە بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*